تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

خەلق ھاكىمىيىتىنى سادىقلىق بىلەن قوغدىغان پولاتتەك جەڭچى شۆ كېمىڭ

شۆ كېمىڭنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىئەن، 8- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى خاۋ) شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ۋۇباۋ ناھىيەسى چاشاڭ بازىرى شەرقىي جاڭجياگوۋ كەنتىدە، بىرقانچە تىپىك شىمالىي شەنشى غارى كۈنگەيگە قاراپ تىزىلغانىدى، بۇ يەر ئۇزاق مەزگىل يوشۇرۇن ئۇرۇش سېپىدە جەڭ قىلغان، شىمالىي شەنشى سوۋېت رايونى خەلق ھاكىمىيىتىنى قوغدىغان پولاتتەك جەڭچى شۆ كېمىڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى.

شۆ كېمىڭ 1910- يىلى تۇغۇلغان، شەنشى ۋۇباۋنىڭ جاڭجياگوۋ كەنتىدىن، ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى لاۋ فېڭ. شۆ كېمىڭنىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇپ، كىچىكىدىن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.

1927- يىلى، شۆ كېمىڭ ئىنقىلابقا قاتناشقان، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، يەر ئاستى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

1934- يىلى، شۆ كېمىڭ قىزىل ئارمىيە پارتىزانلار ئەترىتىگە قاتنىشىپ، بەنجاڭ، جۇڭدۈيجاڭ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، شىمالىي شەنشىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۆتكىلىپ ئۇرۇش قىلىپ، تايانچ بازا ئاچقان.

1935- يىلى، ۋۇباۋ ناھىيەلىك سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا، شۆ كېمىڭ ۋۇباۋ ناھىيەلىك قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئىشچى - دېھقانلار تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان، ئۇ خىزمەتتە ئاكتىپ بولۇپ، تەدبىرلىك ئىدى.

1937- يىلى، شۆ كېمىڭ شىمالىي شەنشى ئۆلكىلىك قوغداش ئىدارىسىگە يۆتكەپ كېلىنىپ ئىجرائىيە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، كۆزەتكۈچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1940- يىلىدىن باشلاپ، شۆ كېمىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خېشۇي ناھىيەلىك ئامانلىق ساقلاش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، مىجى ناھىيەلىك ئامانلىق ساقلاش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، سۈيدې شۆبە رايونلۇق ئامانلىق ساقلاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، مالەن شۆبە رايونلۇق ئامانلىق ساقلاش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى، يۈخېڭ شۆبە رايونلۇق ئامانلىق ساقلاش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى بولغان، ئۇ ئۇزاق مەزگىل كۆرۈنمەس سەپتە دۈشمەن ئىشپىيونلىرى، باندىتلار بىلەن كۈرەش قىلغان.

1949- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۆ كېمىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، چىڭخەي ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چىڭخەي ئۆلكىلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چىڭخەي ئۆلكىلىك سىياسىي - قانۇن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپە قوشقان.

شۆ كېمىڭ بىر ئۆمۈر پارتىيەگە سادىق بولغان، قوغداش ئىشلىرىغا سادىق بولغان، ئۇ قوراللىق دۈشمەنلەر، يوشۇرۇنۇۋالغان دۈشمەن ئىشپىيونلىرى، خائىنلار، باندىتلار ئالدىدا مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن، باتۇر، كەسكىن بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغان، ئۇ تۈز، ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي كىشى بولۇپ، ھەممە ئىشتا ئومۇمىي چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان.

1965- يىلى، شۆ كېمىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 4- ئاينىڭ 28- كۈنى ۋاپات بولغان، شۇ يىلى 55 ياشتا ئىدى.

2000- يىلى، ۋۇباۋ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت شۆ كېمىڭنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ۋۇباۋ ناھىيەسى سۇڭجياچۈەن بازىرى شەرقىي خۇاڭخې كۆۋرۈكى يېنىدىكى ۋۇباۋ ئىنقىلابىي قۇربانلار ئابىدىسى توپى ئارىسىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئابىدە تىكلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەر ۋۇباۋ ناھىيەسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىغا ئايلىنىپ، خۇاڭخې دەرياسى قىرغىقىدا كىشىلەرگە ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى بايان قىلىپ بەرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى