تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۇچا ناھىيەسى: نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «ھەر كۈنى ئىشىك ئالدىدىلا خىزمەت قىلىمەن، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن خىزمەتنى قىلىمەن، ئۆيدىكى ياشانغانلارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالايمەن، بەكلا ياخشى ئىش بولدى، خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت!» دېدى كۇچا ناھىيەسى ئۇچا بازىرى ئۆرۈك چېچىكى كەنتى سايبۇيى نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەخمەت نىياز رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ.

  كۇچا ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» ئۆرۈك چېچىكى كەنتىدە 550 كۋادرات مېتىرلىق نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشنى پىلانلىغان، يىل بېشىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

  ھازىر، نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۈرتكە بولۇپ ئۆرۈك چېچىكى كەنتى ۋە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىسىدىن 79 ئادەمنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، 44 نەپەر قىيىنچىلىقى بار ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە بولغان.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىسى جاۋ جيې مۇنداق دېدى:«يېقىندا، بىز <سايبۇيى نېنى> ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇردۇق، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ مەھسۇلات ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، سېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئۆرۈك چېچىكى كەنتىنىڭ ئۆزگىچە كەسپىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشى ئۈچۈن پۇختا قەدەم تاشلىشىغا ياردەم بېرىدۇ!»

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن شاڭ جۈنلىن، خوۋ بو تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى