تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شايار ناھىيەسى: ھويلا-ئاران مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ بەخىت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرۈش

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا ئاپتور شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرى لەڭگەر كەنتىگە كېلىپ، ھەممە ئائىلىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىدە ياپيېشىل دەرەخلەرنىڭ سايە تاشلاپ تۇرغانلىقىنى، رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ ئېچىلىپ، مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ خۇش پۇراق تارقاتقانلىقىنى كۆردى.

  «بىزنىڭ ھويلا بەكلا ياخشى پىلانلاندى، گۈل ئۆستۈرىدىغان جاي بار، كۆكتات تېرىيدىغان جاي بار، يەنە قوي قوتىنى، توخۇ كاتىكى بار، ھەر كۈنى ئۆيگە قايتقاندا بەكلا راھەت ھېس قىلىمەن. خىزمەت ئەترىتى بىزنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىمىزغا تەدبىر تېپىپ بېرىپلا قالماي، يەنە بىزگە ياردەم قىلىپ ھويلا-ئارانلىرىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈپ بەردى، ھازىر كەنتىمىز تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتتى، خۇددى باغچىغىلا ئوخشايدۇ.» دېدى كەنت ئاھالىسى كېرەم ئىلھام خۇشال ھالدا.

  كېرەم ئىلھام نامرات ئائىلە بولۇپ، خىزمەت ئەترىتى بۇلتۇر ئۇنىڭغا نامراتلارنى يۆلەش كالىسىدىن بىرنى بەرگەن، ھەمدە ئۇنى ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىشقا يېتەكلىگەن، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك «مۇقىم مۈلۈك»كە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلاتنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرگەن.

  «ھويلا-ئاران گۈزەللەشتى، يانچۇق تومپايدى، يېزا-كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىي، ساغلام يېڭى كەيپىياتىنى تىكلەشتۇر. كېيىنكى قەدەمدە، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ۋە ھويلا-ئاران ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز، لەڭگەر كەنتىنىڭ گۈزەل يېزا-كەنت ئارزۇسىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.» دېدى شايار ناھىيەسى مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىسى يوۋ جاڭتاۋ.

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن گۈلەيسەم مىجىت تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى