تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئونسۇ ناھىيەسى: خەلققە قولايلىق كىچىك بازار، ئىشىك ئالدىدىكى بېيىش يولى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «كەنتىمىزدە بازار بار بولغاندىن كېيىن، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشتا كەنتتىن چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىمىزنىڭ كۆكتات ۋە يەرلىك تۇخۇملىرىمىزنى بۇ يەردە ساتالايمىز، ھەر ھەپتىدە نەچچە يۈز يۈەن كىرىم قىلالايمىز، مەن كەنتىمىزنىڭ بازىرىنى ئالقىشلايمەن!» دېدى يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى بازىرى يۇقارقى مەھەللە كەنتىدىكى بازارنى ئايلىنىۋاتقان يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىززەتگۈل ئەھەت خۇشال ھالدا باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى ئونسۇ شۆبە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» مۇزاكىرە قىلىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، كەنتتىكى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇلغان يەردىن پايدىلىنىپ خەلققە قولايلىق كىچىك بازار قۇرۇپ چىققان، كەنت ئاھالىسىنى ھەقسىز 40 نەچچە يايما ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن، يېمەك-ئىچمەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى قاتارلىق تىجارەت تۈرلىرىنى تەسىس قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن، ھەم دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، خەلققە قولايلىق بازارنىڭ تىجارىتى يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ يايما يېيىپ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا جەلپ قىلغان، ئاۋات مەنزىرە شەكىللەنگەن.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىسى لى چېڭ مۇنداق دېدى:«كېيىنكى قەدەمدە، بىز بازارنىڭ يەر يۈزىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، قېلىپلاشقان ماشىنا توختىتىش مەيدانى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، بازار مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، كىچىك بازارنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى ياخشى سۇپىسىغا ئايلاندۇرىمىز.»

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ليۇ شۈ تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى