تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى: ياخشى كۈنلەر لازىدەك قىزىل

  8-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاچاتاغ يېزىسى ئويتۇر تۇيۇق كەنتىدىكى دېھقان خۇشال ھالدا ئەمدىلا ئۈزگەن قىزىل لازىنى كۆرسەتمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، دۇەن شياۋماۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى تيېلىن فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاچاتاغ يېزىسىنىڭ ئويتۇر تۇيۇق كەنتىدىكى كۆكتات ئەمەلىي تەربىيەلەش بازىسىغا كىرگەندە، قىپقىزىل لازىلار خۇددى قىزىل ياقۇت ئېسىپ قويغاندەك، كۈن نۇرىدا جۇلالىنىپ تۇراتتى.

  ئويتۇر تۇيۇق كەنتى بىلەن ئويتۇر كەنتى ئۆلكە يولى 306-لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ئىلگىرى بۇ ئىككى كەنتتىكى دېھقانلار بۇغداي، كۆممقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، بىراق مىڭ بىر جاپادا بىر يىل ئىشلىسە، بۇغداينىڭ ھەر موسىدىن 350 يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى. بۇ ئىككى كەنتنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەت 2018-يىلى نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىدىن 1 مىليون 740 مىڭ يۈەن ئىلتىماس قىلىپ، ئىككى مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكى، 100 كۆكتات پارنىكى ياسىدى.

  قانداق قىلىپ دېھقانلارنىڭ ئەنئەنىۋى زىرائەت تېرىقچىلىقىنى كۆكتات تېرىشقا ئۆزگەرتىش، يېزا-كەنت كادىرلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر قېيىن مەسىلە ئىدى. دېھقانلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئەندىشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئاچاتاغ يېزىلىق دېھقانچىلىق تېخنىكا پونكىتىنىڭ تېخنىكى ئەركىن ھاشىم ۋە خىزمەتداشلىرى دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆكتاتنى قانداق تېرىشنى، شۇنداقلا كۆكتات تېرىشتىن ھاسىل بولىدىغان ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى چۈشەندۈردى.

  بۇ يىل 1-ئايدا، بۇ ئىككى كەنتتىكى 100 نامرات دېھقان ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، ھەر بىر ئادەم بىر پارنىكقا مەسئۇل بولدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئويتۇر تۇيۇق كەنتىدىكى 40 دېھقان چەيزە، ئويتۇر كەنتىدىكى 60 دېھقان لازا تېرىدى، قالغان ئۈستى ئوچۇق يەرگە يەنە ياڭيۇ، جاڭدۇ قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىدى. دېھقانلارنىڭ كۆكتات تېرىش تەجرىبىسى بولمىغاچقا، مايسا يېتىشتۈرۈش جەريانىدا، تېخنىكلار پۈتۈن جەرياندا قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلدى. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، مايسىلارنى بىر تۇتاش پارنىكقا كۆچۈرۈشنى باشلىدى. كۆكتات پەرۋىش قىلىش جەريانىدا، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىر تېخنىك خادىمنى ھەر كۈنى پارنىكتا تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ قىر سېلىش، يوپۇق يېيىتىش، سۇغىرىش، يوپۇرماق يۈزىگە ئوغۇت بېرىش قاتارلىقلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر بىر تېخنكىلىق ھالقىنى چىڭ تۇتۇشقا ئەۋەتتى.

  ئىككى ئايلىق جاپالىق ئەمگەكنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پارنىكتىكى لازىلارنى ئۈزۈپ بازارغا سالغۇدەك بولدى، پارنىكتا تېرىغان لازىلار ئېتىزغا تېرىغان لازىدىن بىر ئاي بۇرۇن پىشىپ، بالدۇر پىشىش ئۈنۈمى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 60 مو يەرنىڭ لازا مەھسۇلات مىقدارى 77 توننىغا يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى