تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

سىزگە دېسەم، «شياۋكاڭ» ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا ئۇلارغا ھەمراھ

  ليۇ شياۋكاڭ ۋە كەنت ئاھالىسى

      «شياۋكاڭ» ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا ئۇلارغا ھەمراھ

  تۈگمەنبېشى كەنتىدىكى چىغىر يوللاردا، يۇرتداشلار  ليۇ شياۋكاڭنى يىراقتىن كۆرۈپ قالسىلا، قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ:«شياۋكاڭ، شياۋكاڭ» دەپ چاقىرىدۇ، ئۇ يېقىنلاپ كەلگەندە، يۇرتداشلار ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ، ئۇنى ئۆيىگە چاي ئىچىپ، ھاردۇقىنى ئېلىۋېلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئويناپ بولۇپ، ئۆيىگە قايتقان كىچىك دوستلار ئىشىكتىن كىرىپ، ئۇنى كۆرۈپ قالسىلا، قوللىرىدىكى بايىلا ئۈزگەن مېۋىلەرنى «شياۋكاڭ» ئاچىسىغا سوۋغا قىلىدۇ... بۇ دوستلۇققا ليۇ شياۋكاڭنىڭ ئۈنسىز تۆلىگەن بەدەللىرى يوشۇرۇنغانىدى.

     2018-يىلىنىڭ يىل بېشىدا، ليۇ شياۋكاڭ تۈگمەنبېشى كەنتىدىكى 1400 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ قىزغىن كۈلكە چىرايىنى تۇنجى كۆرگەندە، پۈتۈن كۈچى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پاراۋانلىقىنى كۆزلەپ، يۇرتداشلارنىڭ ئىشەنچلىك دوستى بولۇشنى ئىرادە قىلدى. ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا، مۇنداق دەيدۇ: «مەن شياۋكاڭ، ھاللىق جەمئىيەت (دۆلەت تىلىدىكى) دېگەن سۆزدىكى  شياۋكاڭ. بىزنىڭ كەنتتىكى يۇرتداشلار، ئائىلە - ئائىلە بويىچە ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشى لازىم!»

  شۇنىڭدىن كېيىن، ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، بىر ئېغىز ئەھۋال سوراش، بىر تال كەمپۈت ليۇ شاۋكاڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرىدىغان «ئەڭگۈشتەرى» گە ئايلاندى. كەنت ئاھالىلىرى ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «شياۋكاڭ» نى كۆرۈشكە خۇشتار، «شياۋكاڭ» مۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرداش ئاچىسى

  بۇ ياز ليۇ شياۋكاڭ ئۈچۈن كەنتكە كەلگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئالدىراش، شۇنداقلا مول مەزمۇنلۇق ياز بولدى. بۇ يىل كەنتتىن ئالتە ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى، بېيجىڭ داشۆنى پۈتكۈزگەن ليۇ شياۋكاڭ بالىلارنىڭ ئارزۇسىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشى ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىلارغا ئىمتىھاندىن بۇرۇن تەكرار قىلىپ بېرىدىغان، ئارزۇ تولدۇرۇشۇپ بېرىدىغان مۇئەللىم بولدى.

  ليۇ شياۋكاڭ (ئوتتۇرىدا) ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  ليۇ شياۋكاڭ (سولدىن 2-كىشى) يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى بىرلىكتە ئۆگەنمەكتە.

 يۇرتۇمنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن

  ليۇ شياۋكاڭ (ئوڭدىن 2-كىشى) ۋە كەنتتىكى ئوقۇغۇچىلار .

  پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنت ئاھالىسى ياسىن ھاشىم ئۆي بېزەكچىلىكى ماھارىتىنى ئىگىلەپ، باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرۇپ، ئەتراپىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى ئۆي سېلىشىغا ياردەملىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىرىمىنى ئاشۇردى؛ خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ياردىمىدە، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى بارات يۇنۇس باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنتتىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى...

     كەنتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى كۆرگەن ليۇ شياۋكاڭ بارغانسېرى غەيرەتكە كەلدى،  مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا تولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى يېزىلارنىڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنى بىلىملىك، مەدەنىيەتلىك يېڭى كۈچلەرنى قوشۇپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، بىرلىكتە يېڭى يېزا قۇرۇش. بىز يېڭى دەۋردىكى ياشلار، پارتىيە ۋە دۆلەت بىزنى تەربىيەلىدى، بىز يۇرتىمىزغا قايتىپ، ياشلىقىمىزنى مۇشۇ يەردە جۇلالاندۇرۇشىمىز كېرەك!»

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى