تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

خېبېي چيەنشى: كان رايونى مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان چاڭخې بەلۋاغسىمان باغچىسى. چاڭخې لۇەنخې دەرياسىنىڭ 1-دەرىجىلىك تارماق ئېقىنى، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ دەريا بويىغا 100 گە يېقىن شېغىل مەيدانى ۋە رۇدا تاللاش مەيدانى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلدى. خېبېي ئۆلكىسى چىيەنشى ناھىيەسى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ دەريا يوللىرىنى تۈزەپ، قىرغاقتىكى 82 مەسىلە بار كارخانىنى چېقىۋېتىپ، كان رايونىنى مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇردى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن چيەنشىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى تېز تەرەققىي قىلدى، 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ناھىيە بويىچە 4 مىليون 850 مىڭ ئادەم/قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال كىرىمى 2 مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يەتتى.

شىن گۇاڭلى فوتوسى

8-ئاينىڭ 23-كۈنى، يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەر چاڭخې بەلۋاغسىمان باغچىسىدا ئوينىماقتا.

8-ئاينىڭ 23-كۈنى، يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەر چاڭخې بەلۋاغسىمان باغچىسىدا ئوينىماقتا.
8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان چاڭخې بەلۋاغسىمان باغچىسى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش