تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يۈرەكنى ئاسرايدىغان 14 خىل مېۋە

بىلەمسىز؟ مېۋە-چېۋىلەر بىزنىڭ تەم تۇيغۇمىزغا ھۇزۇر بېرىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ يەنە يۈرەك ئاسراش رولىمۇ بار. 

بىرىنچى، نەشپۈت. ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى بىر نەشپۈت ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ئالمىغا قارىغاندا %30 كۆپ بولغان ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ خىل يېمەكلىك تالالىرىنىڭ بەدەندىكى خولېستېرىن مىقدارىنى ئازايتىشقا ياردىمى بار.

ئىككىنچى، ئۆرۈك. ئۆرۈكنىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە ۋىتامىن C ئىنتايىن مول بولۇپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن، راك ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

ئۈچىنچى، شاڭجاۋ. شياڭجاۋنىڭ تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى، كالىي ئېلېمېنتى، ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن B6 ئۆزئارا ماسلىشىپ، يۈرەكنىڭ ئەڭ ياخشى خىزمەت ھالىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

تۆتىنچى، لىمون. لىموننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى، ئۈچەي يولى، يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق.

بەشىنچى، شاپتۇل. شاپتۇلنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C بولۇپ، ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىپ، بەدەننىڭ مۇداپىيەلىنىش سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

ئالتىنچى، قېلىن شۆپەكلىك جۈزە. قېلىن شۆپەكلىك جۈزە ئەلا سۈپەتلىك ۋىتامىن Cنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بىر قېلىن شۆپەكلىك جۈزىنىڭ ئېنىرگىيە مىقدارى ئاران 35 كىلوكالورىيە، ئەمما، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر كۈنى ۋىتامىن Cغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ %40ىنى قاندۇرىدۇ.

يەتتىنچى، نيۇيۇۋگو(牛油果). نيۇيۇۋگونىڭ تەركىبىدە كالىي مول بولۇپ، يۈرەكنىڭ نورمال سوقۇشىغا ياردەم قىلىپ، قان بېسىمىنى تەڭشەپ ۋە مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

سەككىزىنچى، لىزى. بۇ خىل پوستى سۆسۈن رەڭلىك بولغان مېۋىنىڭ تەركىبىدە پولىفېنول مول بولۇپ، ئۇلار ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ ھېسابلىنىدۇ.

توققۇزىنچى، توغاچ. توغاچنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E بولۇپ، ئۇلار ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ سۈپىتىدە ئەركىن رادىكالغا قارشى تۇرۇپ، ھۈجەيرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلايدۇ. توغاچ تەركىبىدە يەنە مىس ۋە كالىي بولۇپ، قان بېسىمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە بەدەندىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا ياخشى رول ئوينايدۇ.

ئونىنچى، شىزى. شىزىنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن A ۋە يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، بۇ يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق.

ئون بىرىنچى، تاۋۇز. ئامېرىكا فىلورىدا شتاتلىق داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر تاۋۇز يېگەندە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەتىرىنى ئازايتىدىكەن.

ئون ئىككىنچى، لەنمېي. لەنمېي ئىستېمال قىلغاندا ياللۇغ مولېكۇلىسىنىڭ بەدەندە شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سىئانىدىن ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيەسىنى يېنىكلىتىپ، DNAنى يامان سۈپەتلىك ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىياندىن ساقلاشقا پايدىلىق.

ئون ئۈچىنچى، گىلاس. گىلاسنىڭ ئېنىرگىيە مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن ھەمدە تەركىبىدە زور مىقداردا ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، مەسىلەن، يېمەكلىك تالاسى، ۋىتامىن C، كاروتېنوئىد ۋە كالىي. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گىلاس ئىستېمال قىلىش بىمارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

ئون تۆتىنچى، ئالما. ئامېرىكا كوننېل داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئالما يېيىش قان نۆكچىسى، مېڭە سەكتىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىكەن. ئەڭ چوڭ چەكتە ساغلاملىق ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالمىنى پاكىز يۇيىۋەتكەندىن كېيىن، پوستى بىلەن قوشۇپ يېيىش ئىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى