تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئارپىبەدىياننىڭ مۇنداقمۇ رولى بار

  ئارپىبەدىيان ئائىلىدە دائىم ئىشلىتىدىغان تېتىتقۇ، ئۇ يەنە جۇڭيى دورىسى بولۇپ، كۈندىلىك ساقلىقنى ساقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

  جۇڭيى تېبابىتىدە مۇنداق قارايدۇ: ئارپىبەدىيان تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، جىگەر، بۆرەك، تال، ئاشقازاندىكى سوغۇقنى ھەيدەپ ئاغرىقنى توختىتىپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئارپىبەدىياننى تۇز بىلەن قورۇغاندىن كېيىن، سوغۇقنى ھەيدەپ ئاغرىقنى توختىتىدۇ. ھازىر ھاۋا بەك ئىسسىق، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى بىلەن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كىشىلەر نېپىز كىيىنىدۇ، بويۇنمۇ سىرتقا ئېچىلىپ تۇرىدۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ قويۇلغان ئۆيدىكى سوغۇق ھاۋا ئاسانلا تېرىدىن ئورگانىزمغا سىڭىپ كىرىپ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ بويۇن ئومۇرتقىسى ئاسانلا زەخىملىنىپ، قېتىپ قېلىش، ئاغرىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ يەردە كۆپچىلىككە ئارپىبەدىيان بىلەن بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىشنى پەسەيتىدىغان بىر ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمىز: ئارپىبەدىيان ئۇرۇقىدىن 50 گرام تەييارلايمىز، خام تۇز بىلەن قورۇپ قىزدۇرغاندىن كېيىن، كىچىك رەخت خالتىغا سېلىپ، بويۇنغا 30 مىنۇت ئەتراپىدا بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئىسسىقلىق ئۆتكۈزىمىز. بىر ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىقى كۆرۈنەرلىك پەسىيىدۇ. بۇ ئۇسۇل قىش پەسلىدىمۇ ئوخشاشلا سوغۇقتىن ئاغرىغان بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە ماس كېلىدۇ .

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئارپىبەدىيان تەركىبىدە ئارپىبەدىيان ئالكوگول، ئارپىبەدىيان ئېفىر قاتارلىق ئۇچۇچان ماي ماددىسى بولۇپ، بەلگىلىك تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە، شۇڭا ئۇيقۇنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بىر تۇتام ئارپىبەدىياننى خالتىغا سېلىپ، ئۇنىڭغا ئازراق تۇز قۇيۇپ، ئاغزىنى ئېتىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز. ئۇخلىغاندا، خالتىنى ياستۇق يېنىغا قويۇپ قويساق، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

                                                        خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى