تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىسى − ئوۋياڭ خەي

ئوۋياڭ خەينىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 8- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر تەن چاڭ) خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ گۇيياڭ ناھىيەسىدە ئوۋياڭ خەينىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. يۇرت خەلقى سۇ ئامبىرى، مەيدان، مەكتەپ، يول قاتارلىقلارغا «ئوۋياڭ خەي» دەپ نام قويۇپ، بۇ خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىسىغا بولغان چەكسىز سېغىنىشى ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.

ئوۋياڭ خەي، 1940- يىلى تۇغۇلغان، خۇنەننىڭ گۇيياڭ ناھىيەسىدىن. 1959- يىلى 3- ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتناشقان. 1960- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ھەربىي سەپكە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى يېزىدا ئىش خاتىرىلىگۈچى، بوغالتىر بولغان، ئۇ باشقىلارغا قىزغىن ياردەم قىلىپ، دائىم ئەمگەك كۈچى يوق ئائىلىلەرگە ياردەملىشىپ ئىشىنى قىلىشىپ بەرگەن ھەم ئۆزىنىڭ ئاشلىقىنى ئىشلىتىپ ئۆز كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى قۇتقۇزغان.

ھەربىي سەپكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئوۋياڭ خەي گۇاڭجوۋ قىسمىنىڭ مەلۇم قىسىم 1- يىڭ 3- ليەن 7- بەنىدە جەڭچى، بەنجاڭ بولغان. خىزمەتتە ئاكتىپ بولۇپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلغان، قەيەردە قىيىنچىلىق بولسا، قەيەردە خەتەر بولسا شۇ يەرگە ئاتلانغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «كىچىك يولۋاس» دەپ ئاتىغان. ئۇ ئىككى قېتىم سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇۋالغان، بىر قېتىم ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتناشقان ھەم بىر بوۋاينى قۇتقۇزۇپ چىققان. ئۈچ قېتىم 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، كۆپ قېتىم ئۈلگە بولۇپ تىكلەنگەن.

1963- يىلى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى سەھەردە، ئوۋياڭ خەي تۇرۇشلۇق قىسىم دالىدا مەشىق قىلىپ، تۆمۈريولنى بويلاپ يۈرۈش قىلغان، خۇنەن ئۆلكىسى خېڭشەن ۋوگزالىنىڭ جەنۇبىدىكى جىلغىغا كەلگەندە، لىق يولۇچىنى ئېلىپ شىمالغا ماڭغان 288- قېتىملىق پويىز قارشى تەرەپتىن تېز سۈرئەتتە كەلگەن، زەمبىرەك جازىسى ئارتىلغان بىر ئات تۇيۇقسىز ئۈركۈپ كېتىپ، تۆمۈريولغا كىرىپ، ئىككى رېلىسنىڭ ئوتتۇرىسىدا توغرىسىغا تۇرۇۋالغان. پويىز بىلەن ئۈركۈگەن ئات سوقۇلۇپ كېتەي دېگەن خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، ئۇ ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماي، تۆمۈريولغا سەكرەپ كىرىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتنى رېلىستىن ئىتتىرىپ چىقىرىپ، پويىزنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشىدەك ئېغىر ۋەقە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يولۇچىلارنىڭ ھاياتى ۋە خەلقنىڭ مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ قالغان، ئەمما ئۆزى پويىزنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 23 ياشتا ئىدى.

ئوۋياڭ خەي لېي فېڭدىن كېيىن خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىن ئىبارەت بۇ داشۆدە مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر كوممۇنىزم جەڭچىسى. 1964- يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭجوۋ ھەربىي رايونى كومىتېتى ئۇنىڭغا «خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىسى» دەپ تولۇقلاپ شەرەپلىك نام بەرگەن. شۇ يىلى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان بەنگە «ئوۋياڭ خەي بەنى» دەپ نام بەرگەن ھەم پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرنى ئۇنىڭ ئالىيجاناب خىسلىتىدىن ئۆگىنىپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. جۇ دې، دۇڭ بىۋۇ، خې لۇڭ، شۈ شياڭچيەن، نيې رۇڭجېن، يې جيەنيىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بېغىشلىما يېزىپ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ھەرىكىتىنى يۈكسەك تەرىپلىگەن. 1988- يىلى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىم ئوۋياڭ خەي خاتىرە سارىيى سالغان.

ئوۋياڭ خەي جان پىدالىق بىلەن جەڭ ئېتىنى ئىتتىرىپ، باتۇرلۇق بىلەن خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكىنى قۇتقۇزۇشتەك قەھرىمانلىق باتۇرانە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھايات ھېكمىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن: «ئەگەر كوممۇنىزم غايىسى ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا توغرا كەلسە، بىز ھەربىرىمىزنىڭ چىرايىمىز ئۆزگەرمەسلىكى، يۈرىكىمىز سېلىپ كەتمەسلىكى كېرەك ھەم شۇنداق قىلالايمىز».

قىزىل گېننى مەدەنىيەتكە سىڭدۈرۈش، قان تومۇرغا سىڭدۈرۈش، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، گۇيياڭ ناھىيەسى قەھرىماننىڭ يۇرتى بولغان يېزا - بازارغا مەخسۇس «ئوۋياڭ خەي» دەپ نام بەرگەن ھەم ئوۋياڭ خەي سۇ ئامبىرى، ئوۋياڭ خەي مەيدانى، ئوۋياڭ خەي يولى، ئوۋياڭ خەي ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىقلارنى سالغان، «ئوۋياڭ خەي» ناملىق ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇقىنى تەھرىرلەپ نەشر قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوۋياڭ خەينىڭ كونا تۇرالغۇسى ۋە كۆرگەزمىخانىسىنى نۇقتىلىق رېمونت قىلغان.

گۇيياڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى پېڭ شېڭجى مۇنداق دېدى: «ئوۋياڭ خەينىڭ جان پىدالىق بىلەن جەڭ ئېتىنى ئىتتىرىپ، باتۇرلۇق بىلەن خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكىنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىدەك قەھرىمانلىق باتۇرانە ھەرىكىتى دەل كومپارتىيە ئەزالىرى جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئاساسىي مەقسەتنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى. ئۇلۇغ دەۋردىكى يېڭى مۇساپىدە، بىز ئوۋياڭ خەي روھىنى گۇيياڭنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى