تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار: ئاساسىي قاتلام ساغلاملىقىنىڭ ياخشى «دەرۋازىۋەن»ى بولۇش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يەن شياڭلىڭ، چيۇ بىڭچىڭ، چېن سۇڭ، شياۋ سىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئومۇمىي خەلق ساغلام بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى ياخشى تەربىيەلەشكە، تۇرۇپ قالىدىغان، تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ تايانچلىق، تۈرتكىلىك رولى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى سەھىيە ۋە ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ساغلاملىقىدىكى «دەرۋازىۋەن» بولۇش رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندى.

 «ئۇلار پەرزەنتلىرىمىزمۇ قىلالمىغان ئىشلارنى قىلدى»

«ئادەتتە ئۆيدىمۇ شىپاخانا تارقاتقان ئۈسكۈنە ئارقىلىق ئۆزۈم قان شېكىرى، قان بېسىمنى ئۆلچىيەلەيمەن، سانلىق مەلۇمات ۋاقتىدا شىپاخانىغا يوللاپ بېرىلىدۇ، ئەگەر دوختۇر سانلىق مەلۇماتتىكى بىنورماللىقنى بايقىسا، دەرھال ماڭا شىپاخانىغا كېلىپ تەكشۈرتۈشنى ئۇقتۇرىدۇ».

جياڭسۇ جىنجياڭدىكى دەنتۇ رايونى شىيې بازارلىق شىپاخانىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوماتىك ئۈسكۈنە سەپلەنگەن ساغلاملىق ئۆيىدە 75 ياشلىق ۋېي دىڭيۈ قان بېسىمىنى ئۆلچەتكەچ شۇنداق دېدى.

2014- يىلى 12- ئايدا، دەل بۇ يەردە، ۋېي دىڭيۈ تەكشۈرۈشكە كەلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭنى ئۇچراتتى.

«شۇ كۈنى، باش شۇجى سالامەتلىك ئەھۋالىمنى سورىغاندىن باشقا، يەنە بىزنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىمىزنىڭ قولايلىق ياكى قولايلىق ئەمەسلىكى، داۋالىنىش ھەققىنىڭ قىممەت ياكى قىممەت ئەمەسلىكى، يېزىلارنىڭ داۋالاش - سەھىيە خىزمىتىدىن رازى ياكى رازى ئەمەسلىكىمىزگە كۆڭۈل بۆلدى» دېدى ۋېي دىڭيۈ ئەسلەپ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: داۋالاش - سەھىيە خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، داۋالاش - سەھىيە بايلىقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر، يېزا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قولايلىق، ئەرزان ئاممىۋى سەھىيە ۋە ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە، شىيې بازارلىق شىپاخانىنىڭ داۋالاش خادىملىرى قەرەللىك ھالدا بازاردىكى بەش مەمۇرىي كەنتكە بېرىپ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ قان بېسىمى، قان شېكىرىنى ئۆلچەپ، ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى، ئاھالىلەر تېخىمۇ قولايلىق ھالدا ئالاقىدار ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى.

«شىپاخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرلىرى كەنتتىكىلەرنىڭ <ساغلاملىق يېتەكچىسى>، ئۇلار سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەر بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەھلىل قىلىپ، داۋالاش لايىھەسى تۈزىدۇ، يەنە ھەربىر باشقۇرۇلىدىغان ئوبيېكتنى داۋالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، مۇناسىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساغلاملىق لېكسىيەسى سۆزلەيدۇ» دېدى شىيې بازارلىق شىپاخانىنىڭ شىپاخانا باشلىقى خۇ شياۋجۇڭ.

ۋېي دىڭيۈگە ئوخشاش، شەندۇڭ ۋېيخەينىڭ خۇەنسۈي رايونى جىڭيۈەن مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرمۇ مانا مۇشۇ «ساغلاملىق يېتەكچىلىرى»نىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى. بۇلتۇر 6- ئايدا، 74 ياشلىق يۈ ۋېنجۈن بوۋاي ساقسىز بولۇپ قالغاندا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دوختۇرى دەل ۋاقتىدا ئۆيىگە كېلىپ، جىددىي دورا ئىچكۈزۈش، ئوكۇل ئۇرۇش، ئوكسىگېن سۈمۈرگۈزۈش، جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بوۋاينى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

«بىز ئىلگىرى ئاساسلىقى كېسەل داۋالايتتۇق، ھازىر تېخىمۇ كۆپ زېھنىمىزنى ئاجرىتىپ ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدۇق. كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىش خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشقا ئۆزگىرىپ، دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ئۈنۈمى ئۆسۈپ، دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلاشتى» دېدى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرىدىن ئۇنىۋېرسال دوختۇر بولغان مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى خەيلىڭ مۇخبىرلارغا.

«ئۇلار پەرزەنتلىرىمىزمۇ قىلالمىغان ئىشلارنى قىلدى» بۈگۈنكى كۈندە، يۈ ۋېنجۈن مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خالىس تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، ئۇچرىغانلا كىشىگە مەھەللە دوختۇرلىرىنى ماختايدىغان بولدى.

 «بازاردىلا شەھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ سەۋىيەسىدىكى داۋالاشتىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدۇق»

«بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدىغان كېسەلگە دۇچ كەلگەندە، ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ يۆتكەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ.» ھازىر، جىڭيۈەن مەھەللىسى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى چوڭ دوختۇرخانىنى تاغدەك يۆلەنچۈك قىلغاندىن كېيىن، دوختۇرلار مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەللەرگە دۇچ كەلگەندە قىينالمايدىغان بولدى.

جىڭيۈەن مەھەللىسى ۋېيخەي شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۆلچەملىك تەربىيەلەش بازىسىنىڭ ئەمەلىيەت بازىسى بولۇپ، دوختۇرخانا بىلەن ئەمەلىيەت بازىسى زىچ باغلانغان داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇپ، بىرلەشمە تەربىيەلەش كېلىشىمى ۋە قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، بىرلىكتە ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئوتتۇرىسىدا يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش يولىنى راۋانلاشتۇردى.

ۋېيخەي شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال تېبابەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم مۇدىرى خۇاڭ شياۋلى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال تېبابەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن، دوختۇرخانا ئۇنىۋېرسال تېبابەت بۆلۈمىنى مۇستەقىل تەسىس قىلىپ، تەربىيەلەش ئوقۇتۇشىغا ئىشلىتىدىغان مۇستەقىل كېسەلخانا ۋە ئامبۇلاتورىيە تەسىس قىلىپ، ئۇنىۋېرسال تېبابەت ئوقۇتۇش - تەتقىقات ئىشخانىسى قۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە تۈرتكە بولدى.

«نۆۋەتتە ئۇنىۋېرسال تېبابەت كەسپى بويىچە تەربىيەلەشكە مەسئۇل 40 نەچچە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دوختۇرخانا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى قوش يۆنىلىشلىك تاللاپ، بىرگە بىر پۈتۈن مۇساپىلىك يېتەكچىلىك قىلماقتا» دېدى خۇاڭ شياۋلى.

ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ۋېيخەي شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال تېبابەت بۆلۈمى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى مول كەسپىي «تىزىملىك» بىلەن تەمىنلىدى: ھەر ھەپتىنىڭ ئىككىسى چۈشتىن كېيىن، ئوچۇق دەرس ئۆتۈش، ھەر ھەپتىنىڭ ئۈچى چۈشتىن بۇرۇن ئۇنىۋېرسال تېبابەت كېسەلخانىسىنى ئېچىۋېتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار بىلەن شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرلىرى بىرلىكتە كېسەلخانىنى تەكشۈرۈپ، كېسەل ئەھۋالىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش، ھەر پەسىلدە يەنە بىر قېتىم ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار سالونى ئۆتكۈزۈش، داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەر، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مەسىلىسى توغرىسىدا كېڭىشىش.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى مائارىپ تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش، ياردەمچى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەش، نىشانلىق ھەقسىز تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش بازىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

داۋالاش بايلىقىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى يىراققا بارمايلا يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«بازاردىلا شەھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ سەۋىيەسىدىكى داۋالاشتىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدۇق.» ئالدىنقى ئايدا، ۋېي دىڭيۈنىڭ تىزى ئاغرىپ قالدى، شىپاخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ ۋېنخۇي ئۇنى رېنتىگېندا سۈرەتكە ئېلىپ، نەق مەيداندا جېنجياڭ شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتتى، بىر مىنۇتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، دوختۇر دىياگنوز نەتىجىسىنى ئەۋەتتى. «نومۇر ئېلىشتىن تارتىپ رېنتىگېندا سۈرەتكە ئېلىشقىچە، مەن پەقەت بەش مىنۇتلا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 12 يۈەن پۇل خەجلىدىم. بەك قولايلىشىپ كەتتى».

 «تىرىشىپ ئامما ساغلاملىقىنىڭ ياخشى <دەرۋازىۋەن>ى بولىمىز»

«2014- يىلى مەركىزىمىزدە تۇنجى ئۇنىۋېرسال دوختۇر بارلىققا كەلگەنىدى، ھازىر 12 گە يەتتى.» جىڭيۈەن مەھەللىسى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى خەيلىڭ مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، «دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەر ۋە كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش سەۋىيەسىدە ئىلگىرىلەش ناھايىتى چوڭ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى».

داۋالاش - سەھىيە خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، بايلىقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە يېتەكلەپ، ساغلاملىق «دەرۋازىۋەن»ى تۈزۈمى ئورنىتىش خەلق ئاممىسىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى.

بۇلتۇر يىل بېشىدا، گوۋۇيۈەن «ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىشلىتىش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، زور تۈركۈمدىكى لاياقەتلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىپ، 2030- يىلىغىچە شەھەر، يېزىلاردىكى ھەر 10 مىڭ ئاھالىگە لاياقەتلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇردىن بەشى بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

لېكىن، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش ئاسان ئىش ئەمەس، ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىدا خىزمەت قىلغاندا، كۆپىنچە ھاللاردا مائاش تەمىناتى تۆۋەن بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆسۈش قىيىن بولۇش، خىزمەت مۇھىتى ناچار بولۇش قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارغا دۇچ كېلىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ ئىش ئورنىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

«بۇ يىل گۇاڭدۇڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئۇنۋانىنى باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى باشلىدى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەندىن كېيىن گۇاڭدۇڭنىڭ شەرقىي، غەربىي، شىمالىي رايونلىرىدىكى ئاساسىي قاتلامدا ئۇدا ئون يىل خىزمەت قىلغان، مۇناسىۋەتلىك باھالاش تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال كېسەللەر بۆلۈمى، بالىلار كېسەللىرى بۆلۈمى قاتارلىقلاردا جىددىي كەمچىل بولۇۋاتقان كەسپىي ئىختىساسلىقلارغا بىۋاسىتە ھالدا ئاساسىي قاتلام كاندىدات ئالىي ئۇنۋانىنى باھالاپ بېكىتىشكە بولىدۇ.» گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دۇەن يۈفېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى «كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش»تىكى مۇھىم ۋەزىپە قاتارىغا كىرگۈزدى.

ھازىر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن جاي ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش - تەكلىپ قىلىش ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنگلىز تىلى، ئىلمىي ماقالە قاتارلىق چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ ئالىي ئۇنۋان نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ كەسپىي تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى پۈتۈن زېھنىنى دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللەر، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللەر ۋە ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى قاتارلىق «ئاساسلىق كەسىپ»لەرگە قارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، دۆلىتىمىز تەربىيەلىگەن لاياقەتلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇر 309 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 56 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن، ھەر 10 مىڭ نوپۇسقا 2.2 ئۇنىۋېرسال دوختۇر توغرا كېلىپ، 2020- يىلى ھەر 10 مىڭ نوپۇسقا ئىككىدىن ئۈچكىچە ئۇنىۋېرسال دوختۇرنى توغرا كەلتۈرۈشتەك باسقۇچلۇق نىشان مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

«بىز تىرىشىپ ئامما ساغلاملىقىنىڭ ياخشى <دەرۋازىۋەن>ى بولىمىز» دېدى لى خەيلىڭ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى