تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددى قۇياش نۇرىدەك كەڭ زېمىنغا نۇر چاچقۇزايلى

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مېھرىگۈل ئەكبەر

2008- يىلى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ نۇرى ئاستىدا، مەن تىرىشىپ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈپ، دۇڭگۇەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىلەن ئورتاق ئۆگىنىدىغان تۇرمۇشۇمنى باشلىدىم، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم. ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇشتىن بۇرۇن، مەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقانلىقىنى بىلسەممۇ، لېكىن تۇرمۇش دائىرەم چەكلىك، سىرت بىلەن بولغان ئالاقەم كۆپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ مىللەت ئۇقۇمىغا نىسبەتەن بىۋاسىتە تەسىراتىم يوق دېيەرلىك ئىدى. ئىچكىرى ئۆلكىدە سەككىز يىل ئوقۇش جەريانىدا، مەن خەنزۇ، موڭغۇل، چاۋشيەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان ساۋاقداشلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىدىم. مەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭ، مەزمۇنىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ھېس قىلدىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچى ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتىم.

مېنىڭ ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىشىمنى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، قۇدرەتلىك دۆلىتىمىز بولمايدۇ، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشى بولمايدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى تېخىمۇ بولمايدۇ.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتۇمغا قايتىپ خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. مەكتىپىمىز «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، مەن تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدۇم. مېنىڭ تۇغقىنىم ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۈژمە يېزىسى يېڭىئايماق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئابدۇقىيۇم رەشىدىن. مەن تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىگە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئالغاچ باردىم، ئۇلار بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى بىللە قىلىپ، مۇڭدىشىپ، كۆڭۈل ئېچىپ، ئۆگەندۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇغقىنىمغا پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە قانۇن - نىزام بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدىم. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، مەن شۇنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، بىز ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك، تۇغقىنىمىزنى يېقىن كىشىلىرىمىزدەك كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆزىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى دەپ بىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن ئۇلار بىلەن بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگەنسەكلا، ھەقىقىي بىر ئائىلە كىشىلىرى بولالايمىز.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشتىكى باشلىنىش نۇقتىسى ۋە مەۋقەسى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى بولغاندا، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلغان؛ ئەكسىچە بولغاندا، جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق كۆرۈلۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە تۈرلۈك ئىشلار تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بىز خۇددى قۇياش نۇرى ئەتراپنى يورۇتقانغا ئوخشاش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇر ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك؛ ھاۋانى ساپلاشتۇرغانغا ئوخشاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك؛ سۇ مەنبەسىنى قوغدىغانغا ئوخشاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى