تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدىكى توققۇز كەنت مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ تاللاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەي تىڭفېي فوتوسى) 8- ئاينىڭ 19- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توققۇز كەنت مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ تاللانغان، كەلگۈسىدە بۇ كەنتلەر پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ كرېدىت مەبلىغى بويىچە قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىكەن.

  بۇ توققۇز كەنت ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇۋ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى قاناس مەنزىرە رايونى قۇم كەنتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تېكەس ناھىيەسى قارادالا بازىرى چوڭقۇشتاي كەنتى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى شاڭخۇ كەنتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسى جاڭبۇلاق دېھقانچىلىق مەيدانى قۇلماق كەنتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرى بايىنغولىن ئاۋات دېھقانچىلىق مەيدانى، قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرى خاك كەنتى، قومۇل شەھىرىنىڭ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شىرىنزا يېزىسى شىرىنزا كەنتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى چاچى كەنتىدىن ئىبارەت.

  8-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىرنىڭ پىڭشىلياڭ كەنتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ كەنتتە بەرپا قىلىنغان ئون مىڭ مو گۈل ئېچىلىش پەسلىگە كىرگەن بولۇپ، ھۈپپىدە ئېچىلغان ئاپتاپپەرەس، شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان گېساڭ گۈلى، رەڭگارەڭ جۈخارگۈلى... نەچچە ئون خىل گۈل نەنسەن تېغىدا بەس - بەستە ئېچىلىپ، كۆزنى قاماشتۇردى.

  «ئىلگىرى نەنسەنگە ئوينىغىلى كەلسەك، تاغقا يامىشىپ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارنى كۆرۈپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنەتتۇق، ھازىر تاغ چوققىسى، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، ئوتلاقتىن باشقا، بۇ يەردە يەنە ھەر خىل چىرايلىق گۈللەرمۇ بار ئىكەن. گۈل بىلەن بېزەلگەن پىڭشىلياڭ كەنتى تېخىمۇ شېئىرىي تۈس ئاپتۇ.» دېدى ساياھەتچى ۋاڭ خۇەنخۇەن.

  پىڭشىلياڭ كەنتىدە ھازىر 3200 مو تېرىلغۇ يەر، 6700 مو ئوتلاق بار، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگۇۋ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى گۈيچىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر ساياھەتچىلەر پىڭشىلياڭ كەنتىگە گۈل دېڭىزىنى تاماشا قىلغىلى كەلگەندىن باشقا، يەنە كۆكتات ئۈزگىلى، نەق مەيدان ئويۇنى كۆرگىلى، ئاتلارغا مىنگىلى، دېھقانلار ئارامگاھىدىكى تائاملارغا ئېغىز تەگكىلى كېلىدىكەن.

  يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، پىڭشىلياڭ كەنتى تاغ، سۇ، ئېتىز، باغ، ئورمان قاتارلىق ھەرخىل بايلىقلارنى رەتلەپ ۋە جانلاندۇرۇپ، ئۈزۈش بازىسى، دالىدا قونۇش بازىسى، بەيگە مەيدانى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ساياھەت يېڭى ئامىللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، موللاشتۇردى، ھازىر كەنتتە يەنە قار تېيىلىش مەيدانى، «يىپەك يولى» كىنوخانىسى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش بازىسى قاتارلىقلار بار.

  2015- يىل 2- ئايدا، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى پىڭشىلياڭ كەنتىگە مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت دەپ رەسمىي نام بەردى. 2018-يىلى، پىڭشىلياڭ كەنتى يىللىق كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 491 مىڭ ئادەم (قېتىم)، كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 27 مىڭ 277 يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 19 مىڭ 95 يۈەنگە يېتىپ، كىشى بېشى يىللىق كىرىمىنىڭ %70 ىنى ئىگىلىدى. پۈتۈن كەنت بويىچە 236 كىشى ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەنت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %69 ىنى ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى