يېڭىدىن سىرى لانكا دېڭىز ئارمىيەسىگە قوشۇلغان P625 بەلگىلىك ھەربىي پاراخوت چىراغلىرىنى ياقتى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو سىرى لانكا دېڭىز ئارمىيەسىگە ياردەم قىلغان قوغدىغۇچى پاراخوت 8-ئاينىڭ 22-كۈنى لېس دېڭىز ئارمىيەسىگە كىردى. سىرى لانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېنا، سىرى لانكا دېڭىز ئارمىيە قوماندانى، جۇڭگونىڭ سىرى لانكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېڭ شۆيۈەن، ھەربىي ئەمەلدار شۈ جيەنۋېي ھەمدە سىرى لانكا ئۈچ ئارمىيە گېنېراللىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى سەپكە قوشۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سىرى لانكا تەرەپكە ياردەم قىلغان بۇ ھەربىي پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 112 مېتىر، كەڭلىكى 12.4 مېتىر بولۇپ، تولۇق يۈكلۈك سۇ چىقىرىش مىقدارى 2300 توننا كېلىدۇ. بۇ پاراخوت سەپكە قوشۇلغاندىن كېيىن، سىرى لانكا تارىخىدا كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن پادىشاھ «Palaklamabahu»نىڭ ئىسمى قويۇلۇپ، پاراخوت نومۇرى P625 بولدى. سەپكە قوشۇلغاندىن كېيىن پاراخوت سىرى لانكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ھەربىي رايونغا سەپلىنىپ، يېقىن دېڭىز رايونىدا چارلاش، رازۋېدكا قىلىش ۋە يىراق دېڭىز بىخەتەرلىكىنى قوغداش، قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان.)
سىرى لانكا دېڭىز ئارمىيەسىدىكى ئوفىتسېر-جەڭچىلەر P625 بەلگىلىك پاراخوتتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشماقتا.
سىرى لانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېنا قاتارلىقلار سىرى لانكا ھەربىي ئارمىيەسىدىكى P625 بەلگىلىك پاراخوتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
سىرى لانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېنا قاتارلىقلار سىرى لانكا ھەربىي ئارمىيەسىدىكى P625 بەلگىلىك پاراخوتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
سىرى لانكا دېڭىز ئارمىيەسى P625 بەلگىلىك پاراخوتىنىڭ سەپكە قوشۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزمەكتە.