تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلققە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتنى چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتچان بولۇپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

خەلققە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتنى چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتچان بولۇپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتنىشىدىغان يولداشلار پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. يىغىندا، چېڭ جېنشەن، مۇتەللىپ ئوبۇل يازما سۆز قىلدى، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، جاڭ بو، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تارىخى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا يېتەكلەپ، مەنىۋى كۈچ ئېلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، خەلققە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتنى چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتچان بولۇپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك. چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي ئىشىنىپ، سەمىمىي يولغا قويۇپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىنىڭ مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تارىخنى ئۆگىنىپ ئاقىلانىلىك بىلەن ئىش كۆرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دائىم ئۆگىنىپ، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ تارىخنى ئۆگىنىپ قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈپ، مەنبەدىن مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئېتىقاد ئاساسىنى پۇختىلاپ، ساداقەتمەنلىك روھىنى يېتىلدۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي ئوق قىلغان ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەم قۇرۇش كېرەك؛ تارىخنى ئۆگىنىپ مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى ئورنى، يېڭى بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1 + 3 + 3 + ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك؛ تارىخ ئۆگىنىپ ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىشنى پۇرسەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ 2- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى