تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش تەشكىللىدى

پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتنىشىدىغان خادىملار پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئىزدىنىش تارىخى، كۈرەش قىلىش تارىخى، نەتىجە يارىتىش تارىخى ۋە تەرەققىيات تارىخى. پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، قىممەتلىك تەجرىبىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىنى توغرا تونۇغىلى، تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى زۆرۈر دەرسلىك قىلىش كېرەك. تارىخنى ئۆگىنىش، تارىخنى بىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پىلان تۈزۈپ، مەخسۇس تېما تۈزۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېتىقاد ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ رولنى چىڭ تۇتۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىش، ئىدىيە مەنزىلى، ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مەنىۋى ئوزۇقىغا ئايلاندۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شاۋكەت ئىمىن مۇنداق تەكىتلىدى: غايە - ئېتىقادنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قىلچە تەۋرەنمەي، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنىڭ كونكرېت سىنىقى قىلىپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت نازارەتچىلىكى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى، مۇئاۋىن مۇدىر دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى