تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

توققۇز يىل شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلماسلىق چېگرا رايون ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇشقا رازى بولۇش

− خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى، قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جىخۇەي توغرىسىدا خاتىرە

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى خاۋ جىڭ

يازنىڭ ئوتتۇرىسىدا، قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، دائىم بىر سىيمانى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تومۇز ئىسسىققا قارىماي، شۆيۈەننىڭ ئوقۇتۇش بىناسى بىلەن قومۇل يۈشىن ئېنېرگىيە كەسپى تەتقىقات يۇرتى ئارىسىدا ئالدىراش قاتراپ يۈرىدىغان ليۇ جىخۇەي ئىدى.

ليۇ جىخۇەي قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر، خېنەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى زامانىۋى مائارىپ تېخنىكا مەركىزىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ئالىي ئىنژېنېر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى. ئۇ ئۇدا ئۈچ قېتىم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كېلىپ، 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا «مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

«بۇ يىل شۆيۈەن كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 1200گە يەتتى، بىز تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىق خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلاپ، ئوقۇتۇش ھەم تاماق، ياتاق قاتارلىقلارنى بالدۇرراق ئورۇنلاشتۇردۇق؛ كەسىپ تەتقىقات يۇرتى بۆلۈملىرىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى يانداش قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش ھەم بېزەش خىزمىتىمۇ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇ تەتىلدە بىز بەك ئالدىراش» دېدى ليۇ جىخۇەي.

2010- يىلى 12- ئايدا، ليۇ جىخۇەي 7- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن قومۇلغا يېڭى كەلگەندە، قومۇلنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە توغرا كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىساممۇ، ھەرگىزمۇ كۈنۈمنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەيمەن.» توققۇز يىل ۋاقىتتا، ليۇ جىخۇەي ساپ قەلبى بىلەن قومۇلنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بىر كادىرنىڭ كەسىپنى قەدىرلەيدىغانلىقى ۋە ئۆزىنى بېغىشلايدىغانلىقىنى شەرھلەۋاتىدۇ.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان مەزگىلىدە، ليۇ جىخۇەي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى، دۆلەت ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىيات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتەپ قۇرۇلۇشى، خېنەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى بىلەن قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرغان ئېنېرگىيە كەسپى تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتناشتى.

2011- يىلى، قومۇل كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىيات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ليۇ جىخۇەي تەشەببۇسكارلىق بىلەن «رەقەملەشكەن مەكتەپ قورۇسى ئۆزگىچە تۈرى» قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئەينى چاغدا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى كەمچىل بولغاچقا، ئۇ ھەم لايىھە تۈزدى، ھەم تەشكىللەپ يولغا قويدى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، 12 تارماق تۈر، ھەربىر تۈرنىڭ ھەممىسىدە تەھلىل قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، لايىھە لايىھەلەش، مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش، خېرىدار چاقىرىشقا قاتنىشىش، توختام ئىمزالاش، قۇرۇلۇشنى ماسلاشتۇرۇش، خۇلاسىلەش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىپ، ليۇ جىخۇەي جەمئىي 500 نەچچە مىڭ خەتلىك تۈرلۈك لايىھەلەش لايىھەسى، خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى، يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەييارلاپ، تۈزۈپ چىقتى. «مەن ليۇ مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ كەسىپنى قەدىرلەش روھىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم» دېدى قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئۇچۇر تورى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ نا.

جاپالىق ئەجىر بەدىلىگە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، 2014- يىلى، ئىقتىدارى ئەلا، شىنجاڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، مەملىكەت ئىچىدىكى ئوخشاش ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئىلغارلار قاتارىدا تۇرىدىغان بىر رەقەملەشكەن مەكتەپ قۇرۇلدى. شۇ يىلى 6- ئايدا، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى بولغان قومۇل كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ دەرىجىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە ئۆستۈرۈلدى.

ئالىي كەسپىي شۆيۈەنىگە ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ قاتتىق بولدى. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ليۇ جىخۇەي «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سەككىز تېخنىك خادىمنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى. ئۇ يەنە شۆيۈەندىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلاردىن دەرس ئۆتۈش، ئۈلگە كۆرسىتىش، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېخنىكىسى، ئىدىيەسىنى يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆگىتىشنى تەلەپ قىلدى. ليۇ جىخۇەينىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىشى بىلەن، ئون كەسپىي ئوقۇتۇش كوللېكتىپى قۇرۇلۇپ، شۆيۈەن ئۈچۈن ساپاسى مۇكەممەل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى يېتىشتۈرۈلدى.

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار خېنەن بىلەن قومۇلنىڭ ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە تۈگۈن بولۇشى كېرەك.» ليۇ جىخۇەي شۇنداق دېدى ھەم شۇنداق قىلدى. قومۇل كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە يېڭى كەلگەندە، مەكتەپتە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىدىن ئاران بەشى بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ئەۋەتكەن ئورۇن خېنەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنى قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە جىددىي ئېھتىياجلىق كەسپىي ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىدىن 23نى، قۇرۇلۇش ماگىستىرىدىن 15نى يېتىشتۈرۈپ بېرىشكە، قىممىتى 600 مىڭ يۈەنلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەشكە ماسلاشتۇردى. ئارقىدىن، يەنە قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە خېنەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ سىرتتىن ئوقۇتۇش پونكىتىنى تەسىس قىلىپ، 2015- يىلىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى. ليۇ جىخۇەي يەنە ھەر تەرەپتىن دوكتور، پىروفېسسورلارنى قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە كېلىپ تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش، مەخسۇس تور بېكىتى ياساش قاتارلىقلارغا ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، شۆيۈەننىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

قومۇل شەھىرىدە قېزىلما بايلىق مول، لېكىن ئېنېرگىيە تەتقىقات ئاپپاراتى يوق ئىدى، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ليۇ جىخۇەينىڭ تىرىشچانلىقىدا، خېنەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى بىلەن قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرغان قومۇل يۈشىن ئېنېرگىيە كەسپى تەتقىقات يۇرتى 2014- يىلى رەسمىي قۇرۇلدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 41 مىليون يۈەن سېلىندى. بۈگۈنكى كۈندە، كەسپىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتتى، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى بېزەش تاماملانغاندىن كېيىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

«قومۇلدا ۋاز كېچەلمەيدىغان ئىشلىرىم بار. مەكتەپ قۇرۇلۇشى بىردەملىك ئىش ئەمەس، رەقەملەشكەن مەكتەپ قورۇسى خاس تۈرى باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئېنېرگىيە كەسپى تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلماقتا... خۇددى بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغانغا ئوخشاش، ئۇنىڭ قانىتى تېخى يېتىلمىگەن تۇرسا، مەن ئايرىلىشقا قانداقمۇ قىيالايمەن.» ئۈچ قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ باش - ئاخىرى تىلغا ئېلىنغاندا، ليۇ جىخۇەي سەل ھاياجانلاندى.

توققۇز يىل شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلىپ تۇردى. لېكىن شۆيۈەننىڭ بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرۈپ ليۇ جىخۇەي ئۆزىنىڭ تۆلىگەن بەدىلىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. «ئۆزۈمنىڭ قومۇل كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنىڭ تەرەققىيات جەريانىغا ھەسسە قوشۇپ، بالىلارنى مەكتەپتە ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش، جەمئىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش، خەلققە بەخت يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرەلىگەنلىكىمنى ئويلىسام، ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يولۇم ئىنتايىن مول مەزمۇنلۇق بولدى دەپ قارايمەن» دېدى ليۇ جىخۇەي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى