تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يۇرت سېغىنىشىنى ساقلاپ قېلىش  يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىش

− ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش يېزا - كەنتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

«مەن يۇرتۇمنىڭ كىچىك ئېقىنلىرىنى، يەنە دەريا بويىدىكى غىچىرلاپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقان سۇ تۈگمىنىنى سېغىنىمەن...» ھەربىر كەنتكە جۇڭگولۇقلارنىڭ يۇرتقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، سېغىنىشى مۇجەسسەملەنگەن.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇشتا، «كەڭ كۆلەمدە چېقىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ قەدىمكى كەنتلەرنى ياخشى قوغداش كېرەك»؛ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا جەزمەن يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يولدا مېڭىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۆز تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلىش، «يېزا پۇرىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلارنى ساقلاپ قېلىش، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە ساقلاش» كېرەك.

ئالاقىدار تارماقلار، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى ۋە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، يار - يۆلەك بولۇشى بىلەن، يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سالمىقى مىسلىسىز، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى؛ «گۈزەل يۇرت سېغىنىشى» ساقلاپ قېلىنغاندىن سىرت، يېزا - كەنت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇلدى.

«ساڭئېر يۈشيۇ»:

«قەدىمىي» پۇراق ئۈزۈلمەي داۋاملىشىش    يېڭى سېھرىي كۈچ يىراققا تارقىلىش

«ساڭئېر يۈشيۇ» − لى دېچاڭ يۇرتىنىڭ «تاغ» «كۆل»لىرى ئارىسىدىكى تۈرلۈك - تۈمەن مەنزىرىسىنى ئۆز ھويلىسىنىڭ سىرتىدىكى تامغا سۈرەتلەپ يازدى.

لى دېچاڭنىڭ يۇرتى يۈننەن ئۆلكىسى دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دالى شەھىرىنىڭ ۋەنچياۋ بازىرى گۇشېڭ كەنتى بولۇپ، كۆك كاھىش، ئاق تاملىق كەنتنىڭ ئارقا تەرىپىدە ساڭشەن تېغى، ئالدى تەرىپىدە ئېرخەي كۆلى بولۇپ، بەيزۇلارنىڭ تىپىك ئەنئەنىۋى كەنتى.

لى دېچاڭنىڭ ھويلىسى ئازادە، يورۇق، يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ئەگمە، راۋاق، دالدا تام بىرلەشتۈرۈلگەن بەيزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. «بۇ ھويلىنى مەن 1997- يىلى سالغان» دېدى لى دېچاڭ.

2015- يىلىنىڭ بېشىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈننەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، لى دېچاڭنىڭ ئۆيىگە كىردى. لى دېچاڭنىڭ تام - تورۇس ۋە لىم - تۈۋرۈكلىرى نەقىشلەنگەن ئۆيىنى، رەتلىك - پاكىز ھويلىسىنى، بولۇق ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرۈپ، باش شۇجى تولىمۇ خۇشال بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەرنىڭ مۇھىتى رەتلىك، پاكىز ئىكەن ھەم قەدىمىي ئۇسلۇب ساقلىنىپتۇ، بۇنداق ھويلا غەربچە ئۆيلەردىن ياخشى، يۇرت سېغىنىشى ئەستە ساقلىنىدۇ».

«باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزگە ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلدۈردى.» لى دېچاڭ مۇنداق دېدى: «ئېرخەي كۆلىنى ياخشى قوغداپلا قالماي، بەيزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇلىرىنىڭ قىياپىتىنىمۇ يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. تەبىئىي مەنزىرە بىلەن گۇمانىتارلىق مەنزىرىنىڭ ھېچقايسىسى كەم بولسا بولمايدۇ».

بىرقانچە يىلدىن بۇيان، گۇشېڭ كەنتى «قەدىمىي ئىمارەتلەرنى قوغداش، يېڭى ئىمارەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، تېخى ئىش باشلانمىغان ئىمارەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش، كونا ئىمارەتلەرنى ئۆزگەرتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىمارەت سېلىشقا زەربە بېرىش»تەك خىزمەت پىكىر يولىغا ئاساسەن ئىمارەت، تۇرالغۇلارنىڭ ئۇسلۇبىنى تۈزەشنى يولغا قويۇپ، كۆك كاھىش، ئاق تاملىق، يانتۇ ئۆگزىلىك، سۇس سىياھ رەسىملىك بەيزۇ تۇرالغۇ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ كەلدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كەنت ئىچىدە «ئۈچ لىنىيەنى يەرگە كىرگۈزۈش» قۇرۇلۇشى تاماملانغان، ئاساسلىق يوللار قاتتىقلاشتۇرۇلغان، كېڭەيتىلگەن، بىرقەدەر قويۇق تارىخىي ۋە مىللىي مەدەنىيەت تۈسىگە ئىگە يەتتە ئائىلىلىك بەيزۇ قەدىمىي ھويلىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ قوغدالغان، فېڭمىڭچياۋ كۆۋرۈكى، قەدىمىي سەھنە قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قەدىمىي ئىزنالىرى ئەينەن رېمونت قىلىنىپ ياخشىلانغان.

بۈگۈنكى گۇشېڭ كەنتىدە ئاسمان تېخىمۇ «پاكىز»، كۆل سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىت تېخىمۇ رەتلىك - پاكىز...

«كونا ئۆيلەرنى قۇتقۇزۇش»:

كەنتلەرنى جانلاندۇرۇش    ھاياتىي كۈچىنى قايتا ئۇرغۇتۇش

جەنۇبىي خۇنەندىكى تاغنىڭ ئىچكىرىسى، لەنشەن ناھىيەسىنىڭ سىتاڭيۈ بازىرى خۇشى كەنتى. تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى يىللىرىدىلا ھەرخىل رەڭلىك ئۇچقۇن چىقىرىدىغان پوجاڭزا بار بولغان بۇ مىڭ يىللىق قەدىمىي كەنت 2016- يىلى 4- تۈركۈمدىكى «جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەر تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى.

2018- يىلى، يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرىنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن قوللىشى بىلەن، خۇشى كەنتى «كونىنى ئەسلىي پېتى رېمونت قىلىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، قەدىمىي سەھنە، قەدىمىي ھويلا قاتارلىق 3000 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن رايوندا مەدەنىيەت يادىكارلىقى گەۋدىسىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈردى؛ پول، كاھىش، رېشاتكىلارنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئات باشلىق تام، چىمىلدىق، ئىشىك - پەنجىرە قاتارلىق بۆلەكلەرنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قەدىمىي كەنتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قايتا ئۇرغۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە خاتىرە سارىيى قۇرۇپ، 1934- يىلى قىزىل 6- جۈنتۇەن ئۇزۇن سەپەر قىلىپ خۇشىدىن ئۆتكەن چاغدىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى.

2016- يىلىدىن بۇيان، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش فوندى جەمئىيىتى يولغا قويغان ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش ئاممىۋى مەنپەئەت تۈرى − «كونا ئۆيلەرنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى»نىڭ جايلاردا ئالغا سىلجىتىلىشىغا مەدەت بەردى.

فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې شەھىرى پىڭنەن ناھىيەسىنىڭ شىلىڭ يېزىسى لۇڭتەن كەنتى. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، ئەسلىي نوپۇسى 1400دىن ئارتۇق بولغان كەنتتە دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالە 200گە يەتمەيتتى، بىر قىسىم كونا ئۆيلەر ئۇزاق يىل رېمونت قىلىنمىغاچقا، خارابىلىككە ئايلىنىپ قالغانىدى؛ كەنتتە ئەسلىدە مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى 120دىن ئارتۇق ئىمارەت بولۇپ، كۆپىنچىسى چېقىۋېتىلگەنىدى.

2017- يىلى 5- ئايدا، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن، لۇڭتەن كەنتى «كونا ئۆيلەرنى قۇتقۇزۇش»، قەدىمىي كەنتنى گۈللەندۈرۈشكە باشلىدى.

«قەدىمىي ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى توپا - ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بىز پېشقەدەم ھۈنەرۋەن، كاسىپلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - تېخنىكا ئارقىلىق رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈردۇق.» كەنتتە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى شيا شىڭيۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار يەنە يېڭىلىق يارىتىپ «15 يىل ئىجارىگە بېرىش» يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىجتىمائىي مەبلەغنى قەدىمىي تۇرالغۇلارنى رېمونت قىلىشقا جەلپ قىپتۇ.

«كىم ئۆي ئىجارە ئالسا شۇ رېمونت قىلىش، ئىجارىگە ئالغۇچى بىلەن 15 يىللىق توختام ئىمزالاش، 15 يىل ئىچىدە ھەر يىلى ھەر كىۋادرات مېتىرغا پەقەت ئۈچ يۈەن ئىجارە ھەققى ئېلىش.» شيا شىڭيۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر لۇڭتەن كەنتىدە 32 يۈرۈش قەدىمىي تۇرالغۇدا بۇ ئۇسۇل قوللىنىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 100دىن ئارتۇق ئادەم قەدىمىي تۇرالغۇنى ئىجارىگە ئېلىپ رېمونت قىلىشقا، ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلىشىشقا جەلپ قىلىندى.

تاشلىنىپ قالغان كونا ئۆيلەر ئىجارىگە ئېلىنىپ رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن، ھەم كەنتنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ساقلىنىپ قالدى، ھەم يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ھالىتى تەرەققىي قىلدى. جياڭشىلىق زېڭ ۋېي لۇڭتەن كەنتىنى تۇنجى كۆرۈپلا، بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدى، ئۇ كەنتتىكى 100 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بىر كونا ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۇنى كىتاب ئوقۇشنى ئاساسىي تېما قىلغان «ئۆزى ئىشلىتىش + تەڭ بەھرىمەن بولۇش» تۇرمۇش بوشلۇقى قىلىپ ئۆزگەرتتى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، «كونا ئۆيلەرنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى» ھۆكۈمەت ھاۋالە قىلغان، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يۈرۈشتۈرىدىغان، نازارەت قىلىدىغان، باشقۇرىدىغان تۈر يولغا قويۇش چارىسىنى قوللىنىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا جەلپ قىلغان. ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىمارەتلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانلارنى كەنتكە قايتىپ يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇپ، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالغان.

يېزا - كەنتلەر «توردا ئالقىشلىنىش»:

سېھرىي كۈچى ھەسسىلەپ ئېشىش    گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش

قۇتقۇزۇش، قوغداش، پايدىلىنىش قەدىمىي كەنتلەرنى «يېڭى بايلىق»قا ئىگە قىلدى.

توپا - ياغاچتىن سېلىنغان قاتار - قاتار تۇرالغۇلار قەدىمىي، ئاددىي، جىمجىت، گۈزەل ئىدى، ھەربىر سىپىڭ تىياتىرى لەرزان، مۇڭلۇق ئاڭلىناتتى... بۇلارنى مۇخبىر لۇڭتەن كەنتىگە كىرىپ ھېس قىلدى.

«بىز قەدىمىي كەنتنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، بىرلا ۋاقىتتا ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، كەنتنى ھەقىقىي <جانلاندۇردۇق>» دېدى شيا شىڭيۇڭ.

لۇڭتەن كەنتىدە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى − سىپىڭ تىياتىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسىنى «جانلاندۇرۇش» ئۈچۈن، لۇڭتەن كەنتى سىپىڭ تىياتىرى مۇزېيى قۇرۇپ، تىياتىر ئۆمىكىنى قايتىدىن تەسىس قىلدى؛ خۇڭچۈ ئىشلەش ۋە سېرىق ھاراق ئېچىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۆلكە دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، كەنتتە يەنە مۇزېي قۇرۇلدى.

قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا، لۇڭتەن كەنتىنىڭ قەدىمىي ئۆيلىرى رېمونت قىلىنىپ يېڭىلىنىپ، ئەسلىھەلىرى تولۇقلاندى؛ دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالە ئەسلىگە كېلىپ 600 ئادەم ئەتراپىغا يەتتى؛ ئاممىۋى مەنپەئەت رەسىمخانىسى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، سىپىڭ تىياتىرى مۇزېيى، سېرىق ھاراق مۇزېيى، قەھۋەخانا، كۇتۇپخانىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، ئىلگىرى ھېچكىمنىڭ نەزەرى چۈشمىگەن قالاق كونا كەنت ساياھەتتە «توردا ئالقىشلانغان كەنت»كە ئايلاندى.

«بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ساياھەتچىلەر تولۇپ كېتىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا بىرەر ياتاق تېپىشمۇ ناھايىتى تەس، دېھقانلار ئاشپۇزۇللىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كىشىلەر دائىم ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سودىسى جانلىنىپ كېتىدۇ» دەپ خۇشال ھالدا تونۇشتۇردى لۇڭتەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجېن.

ئىگىلىنىشىچە، 2014- يىلىدىن بۇيان، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان 270 مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قاتارلىق جۇڭگودىكى توپ تۇتاش ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى تاللاپ، ئومۇميۈزلۈك قوغداش، پايدىلىنىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. 2018- يىللىق باھالاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 51 ئورۇندىكى ئەنئەنىۋى كەنتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تۈرىنىڭ تاماملىنىش نىسبىتى %84كە يېتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىنغان ھەم شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنغان.

«قوغدالغان كەنتلەرنىڭ يېرىمىنىڭ كىرىمى تۇرۇشلۇق ناھىيەنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى، %70 كەنتنىڭ ساياھەت كىرىمى %40كە يېقىن ئاشتى» دېدى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۇڭ شىنچاۋ.

بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، خاڭجوۋدىن دالىغا ساياھەتكە كەلگەن جوۋ دۇڭمېي خانىمنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان گۇشېڭ كەنتىدىكى خې لىچېڭنىڭ پۇقراۋى قونالغۇسىدا بىر كېچە قونۇش ئۈچۈن، كۇنمىڭدىن زاكاز قىلغان مېھمانساراينى قايتۇردى.

«بىز گۇشېڭ كەنتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە مەززىلىك تائاملىرىغا مەپتۇن بولۇپ قالدۇق» دېدى جوۋ دۇڭمېي كۈلۈپ تۇرۇپ.

«ساڭئېر يۈشيۇ»نىڭ خوجايىنى لى دېچاڭمۇ ئورۇن چىقىرىپ، شياگۇەنتو چېيى، خېچىڭ كۈمۈش بۇيۇملىرى قاتارلىق يەرلىك داڭلىق مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلدى، ساتتى. «ھەر كۈنى كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ» دېدى لى دېچاڭ خۇشال ھالدا.

بۇ يىل تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە تارماق 5- تۈركۈمدىكى جۇڭگودىكى 2666 ئەنئەنىۋى كەنتنى ئېلان قىلدى. جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتنىڭ ئومۇمىي سانى 6819غا يەتتى.

(مۇخبىرلار لى زىلياڭ، دىڭ يىچۈەن، شى يۈسېن، دۇڭ جيەنگو، ليۇ ۋاڭمىن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى