تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كامالەتكە يەتكەن داۋالاش تېخنىكىسى ئارقىلىق نېفىت شەھىرىدىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش

− شاڭخەيدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياۋ يىئەن توغرىسىدا خاتىرە

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات

قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىدا مۇنداق بىر ياش يۈرەك قان تومۇر كېسىلى مۇتەخەسسىسى بار، ئۇ كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن، ئىقتىدارى ئەتراپلىق بولۇپ، كېسەلخانا، ئوپېراتسىيەخانا، دەرسخانا... ھەممىلا يەردە ئۇنىڭ ئالدىراش سىيماسى بار؛ ئۇ ئاغرىقلارغا كۆيۈنىدۇ، مەيلى كۈندۈز ياكى كېچە بولسۇن، مەيلى خىزمەت كۈنى ياكى دەم ئېلىش كۈنى بولسۇن، ئاغرىقلار ئېھتىياجلىق بولسىلا، ئۇ چاقىرغان ھامان يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ شاڭخەيدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياۋ يىئەن.

ئەڭ زور خۇشاللىقىم ئاغرىقلارنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگىنىمگە بىر يىل بولاي دېدى، قەلبىمنى ئەڭ ئىللىتقان مۇۋەپپەقىيىتىم ئاغرىقلارنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكى بولدى، ئەڭ زور خۇشاللىقىم ئاغرىقلارنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش بولدى» دېدى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى ياۋ يىئەن.

ياۋ يىئەن تۇڭجى داشۆ قارىمىقىدىكى تۇڭجى دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى. 2018- يىلى 8- ئايدا، شاڭخەيدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىغا كەلدى، بۇ يەرگە كېلىپلا كېسەلخانىلارنى تەكشۈرۈش، ئوپېراتسىيەگە كىرىش، كەسپىي ئۆگىنىش، مۇرەككەپ كېسەللەرنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق كۈندىلىك خىزمەتلەرگە كىرىشىپ كەتتى... بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزى ئاساسلىق پىچاق تۇتقان، يېتەكچىلىك قىلغان ئوپېراتسىيە 100دىن ئاشتى.

نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا، قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمى 70 ياشتىن ئاشقان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغان بىر ئاغرىقنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى. دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق ياشانغان كىشىنىڭ تۇراقسىز يۈرەك سانجىقى، يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت كېسىلى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەلگە تەڭلا گىرىپتار بولغانلىقى بايقالدى. ئاغرىق ھەم ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى دەسلەپتە مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىدىن گۇمانلاندى، ياۋ يىئەن دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى كېسەل بۆلۈمىدىكىلەرنى تەشكىللەپ، ئاغرىقنىڭ كېسىلىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئاغرىق بىلەن سۆھبەتلەشتى. ياۋ يىئەن ۋە شۇ جايدىكى دوختۇرلارنىڭ ئەستايىدىل، ئىنچىكە دىياگنوز قويۇپ داۋالىشى ۋە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئاغرىق ھەم ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى گۇماندىن خالىي قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ياشانغان كىشىنىڭ قان تومۇرى ئاخىر مۇۋەپپەقىيەتلىك راۋانلاشتۇرۇلدى.

«مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنى بۈگۈنكىدەك راھەت ھېس قىلىپ باقمىغانىدىم، ياۋ دوختۇرغا رەھمەت» دېدى ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ياشانغان كىشى ياۋ يىئەننىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ.

«ياۋ دوختۇرنىڭ ئوپېراتسىيە تېخنىكىسى پۇختا، قالتىس بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يۈرەككە نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاش تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى. بىر يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، بىزنىڭ بۆلۈمىمىز نۇرغۇن قىيىن، مۇرەككەپ يۈرەككە نەيچە كىرگۈزۈش ئوپېراتسىيەسىنى قىلىپ، مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ يۈرەككە نەيچە كىرگۈزۈش ئوپېراتسىيەسى سەۋىيەسىنى زور بىر قەدەم ئالغا سىلجىتتى» دېدى يۈرەك قان تومۇرى ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ شياۋخۇڭ.

داۋالاش تېخنىكىسىنى خالىس ئۆگىتىش

«شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە قانداق قىلىپ تېزدىن ياردەم بېرىش» ياۋ يىئەن دائىم ئويلايدىغان مەسىلە. ئۇ دائىم مۇنداق دەيدۇ: «بىر يېرىم يىل ۋاقىت كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، مەن بۇ يەردىكى ئاممىغا يېتەرلىك ياردەم قىلالماسلىقىمدىن ئەنسىرەيمەن.» شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن بىر قاتار زىچ باغلانغان خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.

ياۋ يىئەن ھەر ھەپتىدە ئوقۇتۇش، كېسەل ياتاقلىرىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، ئەمەلىي مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، قەرەلسىز ھالدا ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىدىكى داۋالاش خادىملىرىغا دەرس ئۆتتى، مەخسۇس كەسپىي ئۆگىنىش تەشكىللىدى، ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ دەرس ئۆتۈش دائىرىسى پۈتۈن دوختۇرخانىغىچە كېڭەيدى. «مەن خىزمەت قىلغىلى كەلگەن، مەن ئامال بار ئۆزۈمنىڭ تەجرىبەمنى ۋە ئوپېراتسىيە تېخنىكامنى كۆپچىلىككە ئۆگىتىپ، تېخنىكامنى قالدۇرۇپ قويۇشۇم كېرەك» دېدى ياۋ يىئەن.

لى يەن قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ ۋىراچى، 2018- يىلى 12- ئايدا، شاڭخەيدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن لى يەن ياۋ يىئەن بىلەن بىللە ئىشلىدى. نەچچە ئايدىلا، لى يەن ياۋ يىئەندىن نۇرغۇن يېڭى داۋالاش تېخنىكىسى ۋە قېلىپلاشقان ئۇسۇللارنى ئۆگىنىۋالدى. «ياۋ مۇدىر داۋالاش تېخنىكىسى جەھەتتە بىزگە نۇرغۇن ياردەم بەردى، ئىلگىرى دوختۇرخانىمىزدا قىلالمايدىغان تۈرلەرنى ھازىر قىلالايدىغان بولدۇق، بەزى ئاغرىقلار ئەمدى باشقا جايغا بېرىپ داۋالانمىسىمۇ بولىدىغان بولدى» دېدى لى يەن.

بۇلا ئەمەس، شۇ جايدىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئىلغار داۋالاش تېخنىكىسىنى تېزدىن ئىگىلىشى ئۈچۈن، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ياۋ يىئەن ئەستايىدىل دەرس تەييارلاپ، بۆلۈم ئۈچۈن شىنجاڭ تېببىي داشۆسى خوۋبو شۆيۈەنى (قاراماي مەكتەپ رايونى)نىڭ كىلىنىكىلىق ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

ئىستىلدا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇش، تېببىي ئەخلاقى ئالىيجاناب بولۇش

«بىز جىددىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش، مۇرەككەپ، قىيىن كېسەللەر ياكى خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارغا يولۇققاندا، بىرىنچى ۋاقىتتا ياۋ مۇدىرنى ئىزدەيمىز، مەيلى قانچە كەچ بولسۇن ئۇ شۇ ھامان كېلىپ بىزگە ياردەم قىلىدۇ».

«ياۋ مۇدىر ئىنتايىن ئەستايىدىل يېتەكلەيدۇ، ئۇششاق مەسىلىلەرنىمۇ ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرىدۇ».

«ياۋ مۇدىر كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ ھەربىر ئوپېراتسىيەدە ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرىكى تەھلىل ۋە مۇھاكىمىنى ئېلىپ بېرىپ، ئوپېراتسىيەنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ».

......

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ياۋ يىئەن كامالەتكە يەتكەن داۋالاش تېخنىكىسى، ناھايىتى ئېھتىياتچان ئىستىلى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاغرىقلارنى ئويلاشتەك ئالىيجاناب تېببىي ئەخلاقى بىلەن داۋالاش خادىملىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ھەر مىللەت ئاغرىقلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

«يېرىم يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت قالدى، مەن شاڭخەي بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئوپېراتسىيە ئۈسكۈنىلىرى، يېڭى ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك كىرگۈزۈپ، بۇ جايدىكى دوختۇرلارنى بەزى يېڭى كېسەل كۆرۈش - داۋالاش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيمەن.» كېيىنكى ئىشلار ئۈستىدە توختالغاندا، ياۋ يىئەن مۇنداق دېدى: «مەن قان تومۇر توسۇلۇش كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىق مۇرەككەپ نەيچە كىرگۈزۈش ئوپېراتسىيەلىرىنى كۆپرەك قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆستۈرىمەن. تېخىمۇ مۇھىمى، بىلىمىم ۋە تېخنىكامنى ياش دوختۇرلارغا ئۆگىتىپ، ئۇلارنى جىددىي ئوپېراتسىيەلەرنى مۇستەقىل تاماملىيالايدىغان قىلىپ، يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنى مۇكەممەل ئىختىساسلىقلار زاپاس قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى