تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش مەنىۋى كۈچىنى قوبۇل قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش مەنىۋى كۈچىنى قوبۇل قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتنىشىدىغان يولداشلار پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش مەنىۋى كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتچان بولۇپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»قا بولغان تونۇش ۋە چۈشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېتىقادقا سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، پاك - دۇرۇس بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش ھېسسىياتىنى، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى دائىم قەلبىگە پۈكۈش كېرەك. پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك سۆز - ھەرىكىتىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش، باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش، باشلامچىلىق بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى روھىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى تولۇق، توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى توغرا ھۆكۈمى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇن بەلگىلىشىگە ئاساسەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشتە چىڭ تۇرۇش»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېنىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى