تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ 2 مىليارد 842 مىليون يۈەن يۈكىنى يېنىكلەتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: «شىركىتىمىزدە 100دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى بار، بۇ يىل 5- ئايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، شىركەت ھەر ئايدا 10مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئاز تاپشۇردى، بىز بۇ پۇلنى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلاشقا ئىشلىتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈردۇق» دېدى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى، شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىر ياردەمچىسى ۋۇ يۇڭچېڭ.

بۇ يىل 4- ئايدا چىقىرىلغان «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، بۇ يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر - بازار ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىرلىك ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى %16كە تۆۋەنلىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مۇشۇ بىر تۈردىلا، 7- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كارخانىلار تاپشۇرىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى سوممىسى 1 مىليارد 740 مىليون يۈەن ئازايغان.

بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە ئۇزارتىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بىرلىك ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنى %2تىن %0.5كە تۆۋەنلىتىدۇ، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى فوند چىقىم ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %20تىن %50كىچە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1- ئايدىن 7- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە كارخانىلارنىڭ جەمئىي 920 مىليون يۈەن يۈكى يېنىكلىتىلگەن، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە كارخانىلارنىڭ جەمئىي 182 مىليون يۈەن يۈكى يېنىكلىتىلگەن.

«كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرى گىرەلىشىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش سالمىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى سۈن جەنشۆنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 7- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى كارخانىلارغا 2 مىليارد 842 مىليون يۈەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئاز تاپشۇرغۇزۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەن. بەزى كارخانىلار يۈك يېنىكلىتىلىپ تېجەپ قېلىنغان مەبلەغنى مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، بازار ئېچىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، ھەق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرغان.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى كارخانىلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى ئۈچ ئايدا، ئاپتونوم رايوندىكى كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى سىجىل ئېشىپ، 7- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 3 مىليون 50 مىڭ كىشىگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

«بىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلاردا يېشىل يول ئېچىپ، ھەق تۆۋەنلىتىش تەپسىلىي جەدۋىلى بىلەن تەمىنلەپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇنلارغا يۈكنى يېنىكلىتىش ھېساباتىنى قىلىپ بېرىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى سۈن جەنشۆ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى