تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

نارات مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى

 

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 15:00دىن 16:00گىچە، نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى شۇ كۈنىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ساياھەتچىلەر يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، مەنزىرە رايونىغا مىنۇتىغا تەخمىنەن 50 ئاپتوموبىل كىردى.

  نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. «بۇ يىل تاق كۈنلۈك كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ئەڭ كۆپ بولغاندا 21 مىڭ 448 ئادەم قېتىمغا يەتتى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ھېسابلاپ كۆرگەندە، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 5000دىن ئارتۇق كىچىك ئاپتوموبىل مەنزىرە رايونىغا كىرگەن» دېدى نارات ساياھەت مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پىلانلاش  -قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى مىيۇ.

  غايەت زور ئاپتوموبىل ئېقىمى، ئادەم ئېقىمى مەنزىرە رايونىغا تېخىمۇ كۆپ ئادەم ۋە كىرىم ئېلىپ كىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە نىسبەتەنمۇ بىر خىل سىناق ھېسابلىنىدۇ.

 كۈنەس ناھىيەسى ئارالتۆپە بازىرى قارابۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق باتىل ئايدارئالى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بۇ ئىككى يىلدا يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ مەنزىرە رايونىدا ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتنىشىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا يېتەكچى بولدى. «بۇلتۇر يازلىق تەتىلدە، ئاپتوموبىللار مەنزىرە رايونىغا كىرىپ-چىققاندا گاھىدا توسۇلۇش ئەھۋاللىرى يۈز بېرەتتى، ئەمما بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئاپتوموبىل توسۇلۇپ باقمىدى، چۈنكى ئاپتوموبىل ئورنى بارغانسېرى كۆپىيىپ، باشقۇرۇش سەۋىيەسىمۇ ئاشتى» دېدى باتىل.

 مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ئاپتوموبىل ئېقىمى، ئادەم ئېقىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئاپتوموبىللارنى توختىتىش ئىقىتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەنزىرە رايونىغا  كىرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىنىڭ توختىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نارات ساياھەت مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ھەر يىلى مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى.

 «بۇ يىل، مەنزىرە رايونىغا يېڭىدىن تۆت ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، 1200 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلىپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىدا ئاپتوموبىل توختىتىشى تەس بولۇشتەك ئەھۋالنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتى» دېدى مىيۇ.

  قومۇللۇق ساياھەتچى ما ۋىنجۇن مەنزىرە رايونىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مۇلازىمىتىگە باش بارمىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «مەن تېخى ساياھەت يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە توغرا كەلگەندە، مەنزىرە رايونىدا ئاپتوموبىل توختىتىش تەس بولارمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن كىرىپلا ئاپتوموبىل ئورنى تاپالىدىم، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايون بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن، بۇ قېتىم ناراتتىكى ساياھىتىمىز بەك ياخشى بولدى» دېدى.

 ئاپتوموبىل ئورنىنى كۆپەيتىش بىلەن بىرگە، مەنزىرە رايونى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ مۇلازىمەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى، نارات بازىرى قاتناش ساقچى ئوتتۇرا ئەترىتى ۋە كۈنەس ناھىيەسى نارات ساياھەت مەبلەغ سېلىش تىجارەت چەكلىك شىركىتى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، تەرتىپلىك قاتناش مۇھىتىنى يارىتىپ، بىرلىكتە ئاپتوموبىل ۋە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مەنزىرە رايونى قاتنىشىنىڭ راۋانلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى