تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گۇاڭشى لۇجەي: ئورمانچىلىق كەسپىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىش

    گۇاڭشى لۇجەي ناھىيەسى گۇاڭشى گۇيجۇڭ زامانىۋى ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر دەل-دەرەخ پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسىدا، گو گۈيشۆ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا (8-ئاينىڭ 21-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 42 ياشلىق گو گۈيشۆ لۇجەي ناھىيەسى لاگوۋ يېزىسى لاگوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئىلگىرى گۇاڭدۇڭدا 10 نەچچە يىل ئىشلەمچىلىك قىلغان، بۇلتۇر لۇجەي ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ، بىر دەل-دەرەخ پىششىقلاش كارخانىسىدا ماتېرىيال ئۈزۈش ئىشچىسى بولدى، ھەر ئايدا 5000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىپ، ئىلگىرىكىدىن كۆپ تېپىپلا قالماي، يەنە دائىم ئۆيىگە قايتىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولدى. گو گۈيشۆ 2018-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ شياۋباڭ فوتوسى)

    گۇاڭشى لۇجەي ناھىيەسى گۇاڭشى گۇيجۇڭ زامانىۋى ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر دەل-دەرەخ پىششىقلاش كارخانىسىدا، دەي يۈنمىڭ ياغاچ مەھسۇلاتلىرىنى ئورىماقتا.

  45 ياشلىق دەي يۈنمىڭ لۇجەي ناھىيەسى لاگوۋ يېزىسى لاگوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ھازىر دەل-دەرەخ پىششىقلاش كارخانىسىدا ئوراش ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەپ، ئېيىغا 5000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدۇ. دەي يۈنمىڭ 2018-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

 گو گۈيشۆ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا (8-ئاينىڭ 21-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). 

 

    گۇاڭشى لۇجەي ناھىيەسى گۇاڭشى گۇيجۇڭ زامانىۋى ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر دەل-دەرەخ پىششىقلاش كارخانىسىدا، لىن فۇشيۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا (8-ئاينىڭ 21-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

  38 ياشلىق لىن فۇشيۇ لۇجەي ناھىيەسى لاگوۋ يېزىسى لاگوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئىلگىرى گۇاڭدۇڭ، فۇجيەنلەردە 10 نەچچە يىل ئىشلەمچىلىك قىلغان. ياشانغانلار، بالىلار ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا موھتاج بولغاچقا، بۇلتۇر لىن فۇشيۇ لۇجەي ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ، بىر دەل-دەرەخ پىششىقلاش كارخانىسىدا يېلىم چاپلاش ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەپ، ھەر ئايدا 5000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدىغان بولدى. لىن فۇشيۇ 2018-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

 دەي يۈنمىڭ (ئوڭدىن ئىككىنچىسى) ئىشچىلار بىلەن بىللە كەچلىك تاماق يېمەكتە (8-ئاينىڭ 21-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى