تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساڭ خۇڭيۈەن خەۋىرى) يېقىندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى خېجىڭ ناھىيەسى كۆنەس بازىرىدىكى نامرات چارۋىچىلارنىڭ چارۋا تۇزىنى سېتىۋېلىش، توشۇشتا بەلگىلىك قىيىنچىلىق بارلىقىنى ئىگىلىدى، باغراش ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى دەرھال خېجىڭ ناھىيەسى كۆنەس بازىرىدىكى نامرات چارۋىچىلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان 14 توننا چارۋىچىلىقتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان نامراتلارنى يۆلەش تۇزىنى ئاپىرىپ بەردى .
ئىگىلىنىشىچە، تۇز چارۋىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددا بولۇپ، ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك يەم - خەشەكنىڭ تەركىبىدە ناترىي ۋە خلورنىڭ مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولۇپ قالسا، كالا، قويلارغا بېرىدىغان يەم-خەشەككە تۇز قوشۇشقا توغرا كېلىدىكەن. چارۋىلار تۇز قوشۇلغان يەم - خەشەكلەرنى يېگەندىن كېيىن، ئىشتىھاسى ئېچىلىپلا قالماي، يەنە ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، يەم-خەشەكتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، بولۇپمۇ تالا ماددىسىنىڭ ھەزىم قىلىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، چارۋىلارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
باغراش ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى نامرات چارۋىچىلارغا تۇز سېتىۋېلىش، توشۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، 14 توننا تۇز سېتىۋېلىپ خېجىڭ ناھىيەسى كۆنەس بازىرىغا ئاپىرىپ، نامرات چارۋىچىلارغا تارقىتىپ، نامرات چارۋىچىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، چارۋىچىلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى، چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىدى .