تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

پۇل خەجلەش ئۇسۇلى خاراكتېرنى ئىپادىلەيدۇ

بەزىدە، بىر ئادەمنىڭ بىلىپ بىلمەي قىلغان ھەرىكىتى ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. يېقىندا، ئەنگلىيەنىڭ لوندون داشۆسى شۆيۈەنىدىكى پىسخولوگلارنىڭ بايقىشىچە، بىر كىشىنىڭ پۇل خەجلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ خاراكتېرىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار باش ئىشتابى ئەنگلىيەگە جايلاشقان بىر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بانكىدا ھېساباتى بار 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ماقۇلنامىسىگە ئېرىشكەن ھەمدە سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىغان، بۇنىڭدا جەمئىي 2 مىليون ئىناۋەت كارتىسى سودىسى ۋە بانكا سودىسى خاتىرىسى بار ئىكەن.

نەتىجىدە ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى كىشىلەرنىڭ پۇل خەجلەش جەھەتتە ھەقىقەتەن پەرقلىنىدىغانلىقى بايقالغان. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىدىيەسى ئوچۇق، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىش جەھەتكە كۆپ پۇل خەجلەيدىكەن، ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەر يېمەك-ئىچمەك ۋە ھاراق ئىستېمالىغا كۆپ پۇل خەجلەشكە مايىل كېلىدىكەن، چىقىشقاق كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ پۇلىنى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپپاراتىغا ئىئانە قىلىدىكەن، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇش خاھىشى كۈچلۈك كېلىدىكەن، ھالبۇكى، ماددىي تۇرمۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ پۇلنى ئۈنچە-مەرۋايىت سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىپ، ئاز قىسىمىنى ئىئانە قىلىشقا ئىشلىتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنى كونترول قىلىشچانلىقى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ بانكا كارتىسى خىراجىتى ئاز بولىدىكەن، كەيپىياتى تۇراقسىز كىشىلەر رەنىلىك قەرز پۇلنى ئاز ئالىدىكەن. مەيلى ياشانغان ياكى ياش بولسۇن، مائاشى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسىنىڭ مۆلچەر نەتىجىسى ئاساسەن ئوخشاش چىققان. ئەمما، ئىنتايىن نامرات رايونلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنى مۆلچەرلەش تەسكە توختىغان. بۇ ئەھۋالنى مۇنداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئىكەن، نامرات رايونلاردىكى كىشىلەر تەمىنلىگەن ئىستېمال قېتىمى ئاز بولۇپ، بۇنىڭ كىشىلەرنىڭ پىسخىك قىزىقىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى تەسكە توختايدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى