تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەندىكى گىرىم بۇيۇملىرىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك

ھەر خىل گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ھامىلىدار ئاياللار ۋە ھامىلىگە كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان ناچار تەسىرىگە ئاساسەن، ھامىلىدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى تۆۋەندىكى گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە بۇلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك:

بىرىنچى، چاچ بوياش مەھسۇلاتلىرى

چاچ بوياش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سەزگۈرلۈك، ھەتتا راك پەيدا قىلىش خەۋپى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلىنىڭ غەيرىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار، شۇڭا، ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە چاچ بويىسا بولمايدۇ.

ئىككىنچى، سوغۇق بۈدۈر قىلىش مەلھىمى

چاچ بۈدۈر قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان سوغۇق بۈدۈر قىلىش مەلھىمى ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزى كىشىلەردە يەنە سەزگۈرلۈك ئىنكاسى كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن.

ئۈچىنچى، لەۋ سۇرۇخ

لەۋ سۇرۇخ ھەر خىل مايلىق موم تۈرىدىكى خام ئەشيا، بوياق ۋە خۇش پۇراق ماتېرىيال قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ، بۇنىڭدىكى مايلىق موم تۈرىدىكى خام ئەشيالار كالپۇكنىڭ سىرتقى يۈزىنى قاپلاپ تۇرىدۇ، بۇ ھاۋادىكى چاڭ-توزان، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنى ئاسانلا ئۆزىگە سۈمۈرۈۋېلىپ، ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ كېتىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەن ھامان، ئاغرىپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار ھەمدە باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلار بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لەۋ سۇرۇختىكى بوياقمۇ ھامىلىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تۆتىنچى، تىرناق لاكى

نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان تىرناق لاكىدا ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن خىمىيەلىك ماددىلار بار، بۇ خىمىيەلىك ماددىلار ئادەم بەدىنىنى بەلگىلىك دەرىجىدە زەھەرلەيدۇ ھەمدە كۈن ئۆتكەنسېرى ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ھەتتا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى ۋە ھامىلىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەشىنچى، خۇش پۇراق تارقىتىدىغان مەھسۇلاتلار

بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى ئەتىر، جەۋھەر ماي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدا خۇش پۇراق تارقىتىدىغان خۇش پۇراق تەركىب ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئالتىنچى، ئاقارتىش، داغ يوقىتىش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يۈزدىكى سەپكۈننىڭ رەڭگى قېنىقلاش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بۇ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، پاتولوگىيەلىك ھادىسە ئەمەس، ھامىلىدار ئاياللار بۇ مەزگىلدە ئاقارتىش، داغ يوقىتىش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولمايدۇ. چۈنكى، بەزى سەپكۈن يوقىتىدىغان مەھسۇلاتلار تەركىبىدە قوغۇشۇن، سىماب قاتارلىق ئېغىر مېتاللار، ھەتتا قانۇنسىز قوشۇلغان بەزى ھورمون قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار بار، بۇ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە تېخى ھامىلىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ھامىلىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

يەتتىنچى، تۈك چۈشۈرۈش مەلھىمى

خىمىيەلىك تۈك چۈشۈرۈش مەلھىمىنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدار ئاياللار گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللىغاندا، گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبلىرىگە دىققەت قىلىپ، تەركىبىدە ۋىتامىن A كىسلاتاسى تۈرى، ھورمون تۈرى بولغان گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، بۇ ئىككى خىل تەركىب ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىشى، ھەتتا ھامىلىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىمكانقەدەر تەركىبىدە خۇش پۇراق ماددىلار ۋە چىرىشتىن ساقلىنىش دورىسى بولمىغان، ياكى ئاز بولغان مەھسۇلاتلارنى تاللاپ، ھامىلىگە ناچار تەسىر پەيدا قىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. 

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى