8 -ئاينىڭ 21-كۈنى، خېرىدار لەنكاۋ ناھىيەسىنىڭ گۇياڭ بازىرى شۈچاڭ كەنتىدىكى بىر قەدىمىي چالغۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا قەدىمىي چالغۇ تاللىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەسىنىڭ گۇياڭ بازىرى شۈچاڭ كەنتى شۇ جاينىڭ تۇڭمۇ دەرىخى بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، چالغۇ ياساش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يىراق-يېقىنغا تونۇلغان «چالغۇ كەنتى»گە ئايلاندى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن كەنتتە چالغۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن 82سى بار بولۇپ، كوتو، باربىت، قالۇن قاتارلىق 20 خىلغا يېقىن چالغۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يىلىغا 100 مىڭدىن ئارتۇق مىللىي چالغۇ ئەسۋابى ئىشلەپچىقىرىپ، مەھسۇلاتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا سېتىلىدى . شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى ئەن فوتوسى