تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

جىم تۇرالماسلىق كېسىلى زىيادە سەزگۈرلۈك، قان ئازلىق ھەمدە يېمەك - ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ ئەيخۇا، خې زىلى) : دۆلىتىمىزنىڭ تەيۋەن تەتقىقات ئورنى «مەركىزىي تەتقىقات يۇرتى» نىڭ 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن : بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلى كۆپ خىل ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ئورتاق كېسەللىك ياكى تۇرمۇش ھالىتى فاكتورى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، مەسىلەن ، زىيادە سەزگۈرلۈك ، قان ئازلىق ياكى سېروتونىن بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش، بۇ فاكتورلار يېمەك-ئىچمەكنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياخشىلىنىشى مۇمكىن. 

   «مەركىزىي تەتقىقات يۇرتى» بىئومېدىتسىنا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى پەن ۋېنخەن باشچىلىقىدىكى كوللېكتىپ جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنىڭ كىلىنىكىدا تۆت خەۋپ ئامىلى بارلىقىنى بايقىغان، بۇ قان ئازلىق ، سېروتونىن بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش، دانچە ھۈجەيرىلەر ۋە ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىن بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېيىنكى ئىككىسى زىيادە سەزگۈرلۈك ياللۇغلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىلدىن ئارتۇق زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى رېئاكسىيە قىلمىغان بالىلارنىڭ ئىككى-ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن؛ يۇقىرىقى تۆت خەۋپ ئامىلى بىنورمال بولغانلارنىڭ جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئالتىدىن يەتتە ھەسسىگىچە بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى سېلىشتۇرما گۇرۇپپىنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن ، ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەر كۆكتات ، مېۋە-چېۋە ، ئاقسىل تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ؛ ئەمما ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولمىغان يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇپ ، بولۇپمۇ قەنت تەركىبى يۇقىرى ۋە ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئىكەن.

  پەن ۋېنخەن جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن بالىنىڭ زىيادە سېزىمچان بەدەن سۈپىتى ۋە قان ئازلىق مەسىلىسى بار-يوقلۇقىنى بىلىپ، ئۇلارغا بۇ ئورتاق كېسەللىككە ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە تېببىي بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش تەكلىپىنى بەردى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارغا ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ھەمدە ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ، مەسىلەن، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر، مېغىزلىق مېۋە ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگۈزۈپ، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش كېرەك.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى تەتقىقاتقا جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 216 بالا ۋە ئۇلارنىڭ جىنسى، يېشى، بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىق شارائىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولمىغان بالىلارنى قوبۇل قىلىپ، سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغان . بۇ كوللېكتىپ ئىككى پارچە تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇلتۇر 7- ئايدا « ئىلىم-پەن دوكلاتى » ژۇرنىلى ۋە بۇ يىل 5-ئايدا « كلىنىكىلىق مېدىتسىنا ژۇرنىلى » غا بېسىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى