تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئەي كېسېن: مەن جۇڭگولۇق، مەن دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئاتلىنىشىغا كۈچ قوشىمەن

خەلق تورى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى: جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدىكى تۇنجى جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئۆتكەن جۇڭگولۇقلار پۇشتىدىن بولمىغان دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئەي كېسېن (ئەسلى ئىسمى ئېلكېسون) تۈنۈگۈن كەچ مىكروبىلوگىغا مەزمۇن يوللاپ، شۇ مەزمۇن ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ جۇڭگو دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، رەسمىي ھالدا يېپيېڭى مۇساپىسىنى باشلىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى، دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئاتلىنىشىغا كۈچ قوشۇش ئارقىلىق بۇ يىللاردىن بۇيان پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۆزىگە بېغىشلىغان مۇھەببىتى ۋە غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۆۋەندىكىسى ئەي كېسېن ئېلان قىلغان تولۇق مەزمۇن:

بۇ سۈرەت 2013- يىلى تارتىلغان، ئۇ ۋاقىتتا، مەن جۇڭگوغا يېڭىلا كەلگەن ئىدىم.

بۇ پۇتبول تەنھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر تېخى چۈشىنىپ كەتمىگەن دۆلەت، ئەمما ئۇ، پەقەت بىر قېتىملا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ باققان.

ماڭا نىسبەتەن بۇ كەسپىي ھاياتىمدىكى بىر قېتىملىق دوغا تىكىش ھېسابلىناتتى. بىراق گۇاڭجوۋ خېڭدا كوماندىسىنىڭ پىلانى ماڭا بۇ يەردە ئۆزۈمگە تەئەللۇق تارىخ يارىتىش ئىشەنچىنى بېغىشلىدى.

ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتتى. قىسقىغىنە ئۈچ يىلدا، مەن سەپداشلىرىم بىلەن بىللە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم، ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردۈم.

مەن ئۆز ئالدىمغا يەنە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن ئۆتۈك شەرپىگە ئىككى قېتىم ئېرىشتىم، بۇنىڭ ئىچىدە، يەككە مۇسابىقە پەسلىدە ياراتقان توپ كىرگۈزۈش سانى جەھەتتىكى رېكورتىم ھازىرغىچە ساقلانماقتا.

يەنە 2014- يىلى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئەڭ ياخشى توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم.

قىسقىغىنە ۋاقىتتا، بىز مۇشۇنداق كۆپلىگەن مۇكاپات لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردۇق.

بىراق مېنىڭ يەنە يېڭى بىر رىقابەتكە يۈزلەنگىم كەلدى، ئىقتىدار چېكىمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم.

2016- يىلى، مەن شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسىغا يۆتكەلدىم، ئۇ ۋاقىتتا شاڭگاڭ كوماندىسى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى يېڭى كوماندا بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن يۈكسەك ئىرادىدە ئىدى.

مەن شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسىدا ئۈچ يېرىم يىل توپ ئوينىدىم، 116 مەيدان مۇسابىقىدە، ئىككى قېتىم چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۇلۇبنىڭ يېڭى تارىخىنى ياراتتۇق.

بۇ ماڭا نىسبەتەن يەنە بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەت كەچۈرمىشى بولدى.

بىراق مەن قانائەت قىلمىدىم. مەن يەتتە يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو خەلقىنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىگە جاۋاب قايتۇرماقچى ئىدىم.

مەن جۇڭگودا ئىنتايىن بەختلىك، ئازادە ياشاۋاتىمەن، بۇ دەل مېنىڭ ئائىلەم.

دەل مۇشۇ پەيتتە، مەن يەنە رىقابەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر ئېھتىماللىقنى ئۇقتۇم، مەن ئويلانمايلا بۇ رىقابەتنى قوبۇل قىلدىم. مەن بىلىمەن، بۇ دەل مەن ئېلىشقا تېگىشلىك كېيىنكى قەدەم.

مەن خېڭدا كوماندىسىغا، ماڭا جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرگەن بۇ كۇلۇبقا قايتىشنى قارار قىلدىم؛ جۇڭگو دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتسەم، مەن دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئاتلىنىشىغا ئۆز كۈچۈمنى قوشالايتتىم.

بۈگۈن، مەن پۈتۈن دۇنياغا ئۆزۈمنىڭ رەسمىي يېپيېڭى مۇساپىنى باشلىغانلىقىمنى، جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمنى، بۇ يىللاردىن بۇيان سىلەرنىڭ ماڭا بېغىشلىغان مۇھەببەت ۋە غەمخورلۇقۇڭلارغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتماقچىمەن.

سىلەرنىڭ بۇرۇنقىدەكلا مېنى قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەي كېسېن

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى