تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئورۇقلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ساغلاملىق ئۈچۈن ئورۇقلاڭ

  ئۇزۇن يىللىق «ئورۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىش»تەك ئىستېتىك گۈزەللىك قارىشى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇقلاش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايدىغان بولۇپ كەتتى.

    ئەمەلىيەتتە، «ئورۇقلاش»نى «ساغلاملىق» بىلەن باغلاپ، ئورۇقلاش ياكى ئورۇقلىماسلىقنى ئادەم بەدىنىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئاسانلا سەمرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا قارىغۇلارچە ئورۇقلاپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە تەسىر يەتكۈزۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، ئائىلە، مەكتەپ تەربىيەسىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىپ، ياش - ئۆسمۈرلەردە توغرا قىممەت قارىشىنى تىكلەپ، ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئورۇقلاش ئۈچۈن چېكىدىن ئاشقان ئىشلارنى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «تاماقنى زىيادە كۆپ يەپ، ھەرىكەتنى ئاز قىلىشى» سەۋەبىدىن «بودەك» بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

    ئورۇقلىغانلىق گۈزەل بولغانلىق ئەمەس، ئەگەر ئورۇقلاشنىڭ چوقۇم بىر مەقسىتى بولسا، ئۇنداقتا ساغلاملىق ئۈچۈن بولۇشى كېرەك، ساغلام بەدەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. ئادەتتە «ئېغىزىڭىزنى چىڭ باشقۇرۇڭ، پۇتىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈڭ» دېگەن پىرىنسىپتا، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقى بىلەن كۈندىلىك چېنىقىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي ئورۇقلاش تەۋسيە قىلىنىدۇ. «مەجبۇرىي ياندۇرۇش»تەك تەبىئەت قانۇنىيىتىگە خىلاپ تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا ئىشەنمەڭ. قىسقىسى، ئادەم چوقۇم سالامەتلىكىنى ئاسراشنى بىلىشى كېرەك.

   بېيجىڭ ياشلار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى