تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

باي ناھىيەسى: كەنتكە ئورنىتىلغان يول چىرىغى كېچە يولىنى «يورۇتتى»

 تىيانشان تورى خەۋىرى: «خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىزگە يول چىرىغى ئورنىتىپ بەرگىنىگە رەھمەت، ئۇلار بىزنىڭ يولىمىزنى يورۇتۇپلا قالماي، بىزنىڭ قەلبىمىزنىمۇ ئىللىتتى. ھازىر يول چىرىغى بولغاچقا، كەچتە يوللار يوپيورۇق، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.» دېدى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، باي ناھىيەسى ياقائېرىق بازىرى چاقچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياسىن.

  يېقىندا، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى بىلەن يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ كەنت قىياپىتىنى پائال ياخشىلاپ، ماسلاشتۇرۇپ مەبلەغ توپلاپ 58 قۇياش ئېنېرگىيىسى LED يول چىرىغىنى سېتىۋالدى. 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ، خىزمەت ئەترىتى چاقچى كەنتىدە ئومۇميۈزلۈك يورۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىر چوڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  «كەنتتە تۇرۇش كەنت ئاھالىسىغا مۇلازىمەت قىلىش، كەنت ئاھالىلىرىنى غەمدىن خالاس قىلىش ئۈچۈندۇر، يول چىراغلىرىنى يورۇتۇش قۇرۇلۇشى كەنتلەرنى يورۇتۇپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنى نەپكە ئېرىشتۈردى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، كۆپچىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ جىچاڭ.

  يىراقتا، يورۇق چىراغ نۇرى كېچىدە ئۆيىگە قايتقان كەنت ئاھالىلىرىغا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى، يول چىراغلىرى يورىدى، كەنت ئاھالىلىرى كۈلدى.

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن خۇرشىدە تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى