تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تۇرپان: ياخشى مۇلازىمەت ياخشى باھالارغا ئېرىشتى

  8-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىر بويلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، كۆلىمى 60 مو كېلىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ئاپتوموبىللارنىڭ رەتلىك توختىتىلغانلىقىنى، كىرىپ-چىقىۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ ناھايىتى تەرتىپلىك ئىكەنلىكىنى كۆردى. مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ساياھەتچىلەر سۈرەتكە چۈشۈپ، ئۈزۈملەرگە ئېغىز تېگىپ، تۇرپان ئۈزۈملىرىنىڭ سورتى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى، يەنە بىر تەرەپتە سەھنىدىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇلى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  « بۇ يەرنىڭ تاتلىق ئۈزۈمى، چىرايلىق ناخشا-ئۇسسۇللىرى كىشىنى مەست قىلىدۇ.» جىنەنلىك ساياھەتچى لۇ شۆ خۇشال ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن دوستۇم بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ تۇرپانغا ساياھەت قىلغىلى كەلگەن، گەرچە تەتىل مەزگىلىگە ئۈلگۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بويلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ ئارىلىق ئاپتوموبىلى تەرتىپلىك، بىخەتەر ھەم ئىتتىك ئىكەن، خىزمەتچى خادىملىرىمۇ بەك قىزغىن ئىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرىنىڭ ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى «ئۈچ قىيىن، بىر راۋان بولماسلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، مەنزىرە رايونلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت مۇھىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۇرپانغا كەلگەن ھەربىر ساياھەتچىنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشتى.

  «8-ئاينىڭ 6-كۈنى، بىز تەيۋەندىن كەلگەن مېيىپلەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدۇق، مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەر ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمىتى ئۇلارنىڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشتى. كېيىن، ئۇلار لەۋھە سوۋغا قىلدى، بۇ بىز ئۈچۈن زور ئىلھام بولدى.» يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىنىڭ دىرېكتورى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان تۇرپانغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەنزىرە رايونىدا ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىپ، ئەسلىدىكى مەنزىرە رايونىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتتىقلاشتۇرۇلدى، مەنزىرە رايونىنىڭ ھاجەتخانىسى كېڭەيتىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

  «بۇ يەردىكى ھاجەتخانىلارغىمۇ ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، مۇھىت تازىلىقى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن.» شېنجېنلىق ساياھەتچى خۇ لىن يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىدا تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ توختىماي يەرنى سۈرتۈپ، قول يۇيۇش سۇپىسىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا قايىل بولغانىدى. 

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن رايون بويىچە ساياھەت ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى  تور بىلەن قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت ھەر جايدا يان تېلېفون ئارقىلىق تورغا چىقىشىغا قولايلىق ياراتتى، يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا، دوستلىرى بىلەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغان سىچۈەنلىك ساياھەتچى تاڭ لەن مۇنداق دېدى: «تۇرپاندىكى نەچچە كۈنلۈك ساياھىتىم بەكمۇ كۆڭۈللۈك بولدى، مەنزىرە رايونىنى WiFi پۈتۈنلەي قاپلىغاچقا، ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە تۇرپاننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، نازۇ-نىممەتلىرىنى دوستلىرىم بىلەن تەڭ بەھىرلەندىم.»

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشتا، تۇرپان شەھىرى جەمئىي 605 مىڭ 800 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.64 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى 568 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.53 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى