تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشتە يۈگۈرۈش ئۈنۈملۈك چارە بولالايدۇ

ناچار كەيپىيات سالامەتلىككە زىيانلىق، بولۇپمۇ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېز يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بالىلارغا نىسبەتەن ناچار كەيپىياتنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىغاندا، بالىلاردا ئاسانلا جاھىل، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ھەتتا مەيۈس خاراكتېر شەكىللىنىپ قالىدۇ. بالىلار خۇشال بولالمىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئامېرىكىلىق داڭلىق بالا تەربىيەلەش مۇتەخەسسىسى، دوكتور كېنىس كىڭىسبېرگ بىر ياخشى ئامال، يەنى «يۈگۈرۈش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ كەيپىيات باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ياش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ، ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان مىجەزنىڭ فىزىيولوگىيە ۋە پىسىخىكىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى سەۋەبى بولىدۇ. مەسىلەن: يەتتە ياشلىق بالىنىڭ تەپەككۇرى ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ئاران %70 تاماملانغان بولۇپ، قالغان %30ى سەككىز ياشتىن 17 ياشقىچە تەدرىجىي تاماملىنىدۇ. كەيپىيات باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى فورمۇلا بىلەن ئىپادىلىگەندە، كەيپىيات باشقۇرۇش ئىقتىدارى = ئۆمۈرى + شەخسىي كەچۈرمىشى + ئويلىنىش ئىقتىدارى بولۇپ، ئۈچىنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. كۈچەپ ۋارقىراش، چىرقىراش ئارقىلىق دەردىنى چىقارغاندا بالىلاردا ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرى شەكىللىنىپ قالىدۇ خالاس؛ يىغلاش كەيپىياتنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ، ئۇزاق مۇددەت بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىپ، ئاچچىقنى باسقاندا، ئاسانلا «مەيۈس مىجەز» شەكىللىنىپ قالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ ناچار كەيپىياتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى چارە ئەمەس.

شۇڭا، بالىلار كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغاندا، ئاتا-ئانىلار توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، بالىلارنىڭ ناچار كەيپىياتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. بىرىنچى، پەرۋا قىلماسلىققا بولمايدۇ، بالىنى ئەيىبلەشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، ئەكسىچە، كۆڭۈل قويۇپ بالىنىڭ دەردىنى ئاڭلاشنى ئۆگىنىپ، بالىغا دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى دېگۈزۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بالىلارنى يۈگۈرۈش ئارقىلىق ناچار كەيپىياتنى بىر تەرەپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا، بالىنىڭ كەيپىيات داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشنى ھەل قىلىش پىلانىنى بالا بىلەن بىرلىكتە تەھلىل قىلىپ، مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بىرىنچىدىن، بالىلارنىڭ قەلبىنى تىنچلاندۇرغىلى بولىدۇ، ئىككىنچىدىن، بالىدىكى مەغلۇبىيەت تۇيغۇسىنى ئازايتىقىلى بولىدۇ. 

خەلق گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى