تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسىدە تاغ ئۆچكىلىرى كۆچتى

   خەلق تورى خەۋىرى: 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتور شىنجاڭ ئارشاڭ ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى بيېجېنتاۋشەن تېغىدا دۆلەت 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان — تاغ ئۆچكىسى (تاغ تېكىسى)نى سۈرەتكە ئالدى. 8-ئاي كىرگەندىن كېيىن، بۇلتۇر قىشتا قوچقار، ساغلىقلار توپىغا ئايرىلغان تاغ ئۆچكىلىرى يەنە قوشۇلىدۇ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە قايتىدىن توپقا ئايرىلىدۇ. 8-ئايدا توپ بىرلەشكەندە، قوشقارلار ئۆز تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ ساغلىقلار تەۋەلىكىگە بېرىپ بىر مەزگىل ياشايدۇ، بۇ جەريان دەل كۆچۈش جەريانى دەپ ئاتىلىدۇ.
    تاغ ئۆچكىسىنىڭ قىيا ئۆچكىسى، ياۋا ئۆچكە قاتارلىق باشقىچە ئاتىلىشىمۇ بار، تاغ ئۆچكىسى تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150-105 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15-12 سانتىمېتىر، مۈرە ئېگىزلىكى 100 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئېغىرلىقى 60-40 كىلوگىرامغىچە كېلىدۇ، ئەمما ئەڭ چوڭىنىڭ ئېغىرلىقى 120 كىلوگرامغا يېتىدۇ.
    تاغ ئۆچكىسى دېڭىز يۈزىدىن 6000-3500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېگىزلىك يالىڭاچ تاغ جىنىسلىرى ۋە تاغ قاپتىلىدىكى ئۇششاق تاشلار، چوقچىيىپ تۇرغان بەلباغلاردا ياشايدۇ، قىشتىمۇ بەك تۆۋەن جايلارغا كۆچمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار ماكانلىشىش ئورنى ئەڭ ئېگىز بولغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تاغ ئۆچكىسى يامىشىشقا ئىنتايىن ماھىر، تۇيىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئېلاستىكىلىققا ئىگە پۇت بوغۇمى بىلەن ئامبۇرغا ئوخشاش پۇت بارماقلىرى بار. ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمى، ئافغانىستان ۋە موڭغۇلىيە، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي شىمالى قىسمى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. (خۇ ۋېيبىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى