تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋېي زىيۈن، جاڭ جىنشەن فوتوسى، خەۋىرى) خالۇڭگۇ مەنزىرە رايونى قابا ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، ئالتاي تۆۋەن تاغ بەلبېغىغا تەۋە، تاغ، سۇ، ئورمان، تاش، قىيا تاشلار بىر گەۋدىلەشكەن تەبىئىي مەنزىرىگە ئىگە. خالۇڭگۇ مەنزىرە رايونى تاغ-دەريا ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، تاغ جىلغىسىدا چاتقاللار ئۆسىدۇ، ھەممىلا يەردە تاغ جىنسلىرىنىڭ يېرىقلىرىدا يەر باغىرلاپ ئۆسكەن ئارچىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. باش كۈزدە، خالۇڭگۇ مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى بەئەينى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ.