ئالما، چىلان، ياڭاقنى توردا سېتىش مىقدارىدا يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇش
«ئېلېكتىرونلۇق سودا +» ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قاناتلاندۇردى
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ تيېجۈن، يىن شياۋجۈن، جاڭ جىلى، ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 8- كۈنى، ياڭاق دەرىخىدىكى سانجاق - سانجاق مېۋىنىڭ پىشىپ ئۈزۈلۈشىگە بىر ئاي قالغانىدى، بىراق يەشىك - يەشىكلەپ ئوراپ قاچىلانغان كۆك ياڭاقلار ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قولىدىن ئۆتۈپ تېزلىكتە ئاقسۇ شەھىرىدىن ئىچكىرى رايونلارغا قاراپ «ئۇچتى».
«بىز مال سالماقچى بولۇۋاتىمىز، سىز زاكاز قىلغان بەش يەشىك كۆك ياڭاقنى بەش كۈن ئىچىدە دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.» ئاقسۇ شەھىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدا، ئاقسۇ شىيۈ نيۇنيۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى نيۇ يەنچىڭ يىراق شاۋشىڭدىكى بىر خېرىدارغا تېلېفون قىلدى. شۇ كۈنى، ئۇ زاكاز تالونى بويىچە 1000 يەشىك كۆك ياڭاقنى سېلىۋەتتى.
ئىچكىرى رايونلاردىكى ئىستېمالچىلارغا شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كۆك ياڭىقىنى تېتىتىش ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىنىڭ شىنجاڭ مېۋىلىرىنى سېتىشنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى بىر خىل يېڭى ئەندىزە. كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلاشقان نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى، خۇش پۇرىقى كۈچلۈك شىنجاڭ كۆك ياڭىقىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان بارغانسېرى ئىچكىرى رايونلاردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى ياڭاق ئۆستۈرگۈچىلەرمۇ ياڭاقنى بالدۇرراق سېتىپ چىقىرىشنى ئارزۇ قىلدى، بۇنداق بولغاندا، ھەم پايدىغا تەسىر يەتمەيدۇ، ھەم ئاز دېگەندە بىر ئاي ۋاقىت چىقىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغىلى بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدىكى بەش ئەزانىڭ باشلامچىلىقىدا، 11 ئەزا بىرلىكتە پاي قوشۇپ كۆك ياڭاق ساتتى. ئۇلار ئېتىز بېشىغا بېرىپ سېتىۋالدى، ئىستېمالچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ ئوراپ قاچىلىدى، نىشانى بۇ يىل 500 توننا كۆك ياڭاق سېتىش. نيۇ يەنچىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئالدى بىلەن سىناپ، تەجرىبە توپلىساق، كېلەر يىلى تېخىمۇ چوڭراق ئىش قىلالايمىز.
يىلىغا 300- 400 مىڭ توننا ياڭاق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاقسۇ ۋىلايىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 500 توننا ھېچ گەپ ئەمەس، ئەمما ئاقسۇ شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جوۋ خۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئالاقە تورى تەپەككۇرى، توردا مال سېتىش شەكلىدە يۈرۈشتۈرۈلىدىغان «ئېلېكتىرونلۇق سودا+» ئەندىزىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە ئىگە قىلغىلى بولىدىكەن.
جوۋ خۇ تىلغا ئالغان «ئېلېكتىرونلۇق سودا+» «ئېلېكتىرونلۇق سودا+ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش» «ئېلېكتىرونلۇق سودا+ 10 شەھەر، 100 دۇكان» «ئېلېكتىرونلۇق سودا+ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە، ئاقسۇ شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانىلار ئالىبابا گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ، ئىگەرچى يېزىسى يىرما كەنتىدە «كەلگۈسى دېھقانچىلىق مەيدانى» بەرپا قىلىپ، ئۇچۇرلاشقان باشقۇرۇشنى ئېتىز بېشىغىچە كىرگۈزۈپ، بۇ يېزىدىكى باغۋەنلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنى 3600 يۈەن ئاشۇردى؛ «10 شەھەر، 100 دۇكان» جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، جېجياڭدىكى ئون شەھەردە ئاقسۇ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاممىۋى ئامبىرىدىن ئوننى قۇرۇپ، بازاردا سېتىش دۇكىنىدىن 100نى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جېجياڭ ۋە دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا ساتتى. ئالىبابا سودا شۆيۈەنىنىڭ تەربىيەلەش ئاپپاراتى − «تاۋيۈەنۋەي» ئاقسۇدا ماكانلىشىپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئايلىنىشىغا كۈچ قوشتى، 34 قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 4016 كۇرسانتنى تەربىيەلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2018- يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى جانلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سېتىش دۇكانلىرى (تاۋباۋ تور دۇكىنى) 2400دىن، يىللىق سېتىش سوممىسى 800 مىليون يۈەندىن ئاشقان، ئېلېكتىرونلۇق سودا (ئۈندىدار سودىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغان كەسىپكار 18 مىڭدىن ئاشقان، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولغان. ئاقسۇ شەھىرى ئالما، چىلان، ياڭاقتىن ئىبارەت ئۈچ يەككە مەھسۇلاتنىڭ توردا سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە باشتىن - ئاخىر مەملىكەت بويىچە يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىلىدىغان ناھىيەلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، تور سودىگەرلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جانلىقلىق دەرىجىسى جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.