تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

لى خۇڭجۇڭ، چېن چۈەنگو، جاڭ گوچىڭ، شۆھرەت زاكىر، يىن خېجۈن، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

8- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى جاڭ گوچىڭ تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى جاڭ گوچىڭ چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى ماخمال كەنتىدە زىيارەتتە بولۇپ، مەمەتسايىم نىياز ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى جاڭ گوچىڭ تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يىن خېجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرى، نىيە ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، خوتەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە كېلىپ، كارخانا، يېزا - كەنت، مەكتەپ، دېھقان ئائىلىسى، يەسلى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يەرلىكنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى زىيارەت قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى.

لى خۇڭجۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىش ئورنىغا سادىق بولۇپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت چوڭ ۋەزىيىتىگە غايەت زور تۆھپە قوشتى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تيەنجىنگە تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپلىك بۇرچ، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش» يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش جاسارىتى بىلەن دىققەتنى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز. دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ، بايلىقنى نىيە ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسىدىكى ئېغىر نامرات كەنت ۋە نامرات ئاھالىلەرگە مايىللاشتۇرىمىز. كادىرلار، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، مائارىپ، كەسىپ تۈرلىرى، داۋالاش - سەھىيەدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ياخشى تۇتۇشىمىز، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىمىز، تيەنجىننىڭ كەسپىي مائارىپ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە كۈچەپ، چىن كۆڭۈل، چىن ھېسسىيات بىلەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى جايدىكى ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرىشىمىز كېرەك. شىنجاڭ بىلەن تيەنجىننىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، بىز بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشنى رىشتە قىلىپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، تيەنجىن شەھىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بەرگەنلىكى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: تيەنجىن شەھىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تيەنجىنگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان «ئۈچكە كۈچەش»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىدىغان، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، دېموكراتىك - قانۇنچىل، مەدەنىي - بەختلىك زامانىۋى تيەنجىن قۇرۇش مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم تاشلىدى. بىز چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قەلبى، كۈچى، مېھرى بىلەن سىجىل كۈچەپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار. شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن پائال ياخشى پايدىلىنىپ، تيەنجىننىڭ ئىلغار تەجرىبىسىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، تيەنجىن بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، تيەنجىن خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىدۇ.

تيەنجىن شەھىرى رەھبەرلىرىدىن لى يى، لياڭ باۋمىڭ، لى شۇچى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن مۇتەللىپ قاسىم، مۇتەللىپ ئوبۇل يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.