تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى خاتا ئەرز قىلىنغان، قارا چاپلانغان پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ نامىنى ئاقلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئائىت بەش تىپىك دېلو مىسالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

ئۆز خەۋىرىمىز. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى خاتا ئەرز قىلىنغان، قارا چاپلانغان پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ نامىنى ئاقلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئائىت بەش تىپىك دېلو مىسالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، بۇلار ئايرىم - ئايرىم تۆۋەندىكىچە:

1. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ سىرتتا تەكشۈرۈش خەلق ساقچىسى ما شىنلى، خامۇ سەيرېننىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پاش قىلىنىشىنى ئاقلاش توغرىسىدا. 2019- يىلى 4- ئايدا، بايىنغولىن ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى رېھىمگاڭ ئابدۇراخمان مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىغا بايىنغولىن ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ سىرتتا تەكشۈرۈش خەلق ساقچىسى ما شىنلى، خامۇ سەيرېننىڭ بايىنغولىن ئوبلاستى شۈنشىن نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىش چەكلىك شىركىتى بىلەن پۇل سودىسى مەسىلىسى بارلىقىنى ئىنكاس قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پاش قىلىپ ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ئېنىقلانغان. پاش قىلغۇچى رېھىمگاڭ ئابدۇراخمان نىمكەش ئاپتوموبىل ئۆتۈنۈپ بېرىش مەسىلىسىدە، شۈنشىن نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىش چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە ماجىرالىشىپ قالغان، ئۇنىڭ مەنپەئىتى قاندۇرۇلمىغاچقا، ئۇ ھېچقانداق دەلىل - ئىسپات بولمىغان ئەھۋالدا، سۇبيېكتىپ ھالدا ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ سىرتتا تەكشۈرۈش خەلق ساقچىسى ما شىنلى، خامۇ سەيرېندىن ئىبارەت ئىككى يولداشنىڭ شۈنشىن شىركىتى بىلەن پۇل سودىسى بار دەپ قارىغان ھەم مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىغا يۇقىرىقى ئاساسسىز تەسەۋۋۇر قىلغان مەسىلىنى ئىنكاس قىلىپ، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ھەم ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئارقىلىق «ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان، ما شىنلى، خامۇ سەيرېن بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستى شۈنشىن نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىش چەكلىك شىركىتى ئوتتۇرىسىدا پۇل سودىسى ئەھۋالى مەۋجۇت بولمىغان. 2019- يىلى 7- ئايدا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بايىنغولىن ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى دائىرىسىدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پاش قىلىشقا قارىتا نامىنى ئاقلاپ ئەسلىگە كەلتۈردى، بايىنغولىن ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەلىك باج ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى رېھىمگاڭ ئابدۇراخماننىڭ يامان نىيەتتە پاش قىلىش قىلمىشىغا تەنقىدىي تەربىيە بەردى.

2. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى ئەلىجان ياقۇپنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پاش قىلىنىشىنى ئاقلاش توغرىسىدا. 2019- يىلى 5- ئايدا، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سابىق 3- دەرىجىلىك ئارتىسى رەئىسە ئىسكەندەر راست نامى بىلەن ئەلىجان ياقۇپنىڭ گۇرۇھۋازلىق قىلىش، ئىستىلدا زومىگەرلىك قىلىش، بويسۇنمىغان كادىرلارنى بېسىش، چەتكە قېقىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پاش قىلىپ ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ئېنىقلانغان. پاش قىلغۇچى رەئىسە ئىسكەندەر ئۇزاق مەزگىل سەۋەبسىز ئىشقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تەكلىپ قىلىش توختامى بىكار قىلىنىپ، ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، ئۇ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى ئەلىجان ياقۇپقا كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ، تۇتامى يوق، زورمۇزور خىيالەن ھۆكۈم قىلغان، ھەتتا ئاساسسىز ئويدۇرۇپ چىقارغان مەسىلىلەرنى كەينى - كەينىدىن تەشكىلگە پاش قىلغان ھەم تەكشۈرۈش خادىملىرىنى ساختا ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەپ، تەشكىل ئارقىلىق ئەلىجان ياقۇپقا زەربە بېرىش، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش غەرىزىدە بولغان. 2019- يىلى 8- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ھەم شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى دائىرىسىدە مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىگە ئەھۋالنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئەمەلىي بولمىغان پاش قىلىشقا قارىتا نامىنى ئاقلاپ ئەسلىگە كەلتۈردى.

3. قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى مىڭچياڭنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پاش قىلىنىشىنى ئاقلاش توغرىسىدا. 2019- يىلى 4- ئايدا، ئۈچ نەپەر ئامما راست نامى بىلەن قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى مىڭچياڭنىڭ مەلۇم توختام ئالدامچىلىقى دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا پاسسىپ بولۇپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ باش تارتىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قانات ئاستىغا ئېلىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پاش قىلىپ ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ئېنىقلانغان. 2018- يىلى 3- ئايدىن بۇيان، لى مىڭچياڭ كۆپ قېتىم دېلو ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، مەزكۇر توختام ئالدامچىلىقى دېلوسىنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىپ زىياننى تولدۇرۇشقا پائال ماسلاشتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئالاقىدار يىغىنلارغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئەرز، زىددىيەتلەرنى تىرىشىپ پەسەيتكەن، ئۇنىڭدا دېلونى بىر تەرەپ قىلىشتا پاسسىپ بولۇپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قانات ئاستىغا ئېلىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولمىغان. 2019- يىلى 5- ئايدا، قومۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئېۋىرغول رايونلۇق پارتكومغا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قايتما ئىنكاس قىلىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پاش قىلىشقا قارىتا نامىنى ئاقلاپ ئەسلىگە كەلتۈردى.

4. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى پىلان - تەتقىقات يۇرتى ئىشخانىسىنىڭ 8- دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنى كادىرى جوۋ جۈننىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پاش قىلىنىشىنى ئاقلاش توغرىسىدا. 2019- يىلى 3- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى پىلان - تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىنژېنېرى ۋاڭ شياۋدۇڭ راست نامى بىلەن بۇ تەتقىقات يۇرتىدىكى جوۋ جۈننىڭ ساختا تالون كېسىپ خىيانەت قىلىش، شېرىنكانە ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پاش قىلىپ ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ئېنىقلانغان. ساختا تالون كېسىپ، خىيانەت قىلىش، شېرىنكانە ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە تەكشۈرۈش ئارقىلىق دەلىل - ئىسپات تېپىلمىغان، پاش قىلغۇچى ۋاڭ شياۋدۇڭ خىزمەت قاتارلىق مەسىلىلەردە جوۋ جۈن بىلەن تالاش - تارتىش قىلغان، ئۇ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تەشكىل جوۋ جۈننى كۆزىتىۋاتقان مەزگىلدە يامان غەرەزدە پاش قىلغان. 2019- يىلى 7- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى پىلان - تەتقىقات يۇرتى يىغىن ئېچىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پاش قىلىشقا قارىتا نامىنى ئاقلاپ ئەسلىگە كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاڭ شياۋدۇڭنىڭ يامان غەرەزدە پاش قىلىش قىلمىشىغا مەمۇرىي ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.

5. تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ شۇجېننىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پاش قىلىنىشىنى ئاقلاش توغرىسىدا. 2018- يىلى 4- ئايدا، ياڭ شۇجېننىڭ كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا جايدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش، مەكتەپتە گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، كىچىك گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈش، ئۈنۈم مائاشى تارقىتىشتا ئېغىر دەرىجىدە ئادىل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلىرى پاش قىلىنغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پاش قىلىپ ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ئېنىقلانغان. بۇ مەكتەپنىڭ باشقا جايدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشى تۇرپان شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاساسىي مائارىپ بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن، باشقا جايدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ قوبۇل قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولمىغان؛ مەكتەپ خادىملىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ تەربىيەلىنىشىنى مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان، تەربىيەلىنىدىغان خادىملار مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى يىغىنىدا بېكىتىلگەن، يېقىن، ئىشەنچلىك خادىملارنى كۆپ قېتىم سىرتقا چىقىرىش، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇش ئەھۋالى مەۋجۇت بولمىغان؛ مەكتەپنىڭ ئۈنۈم مائاشى باھالاش لايىھەسى مەكتەپ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى يىغىنىدا قاراپ چىقىلغان ھەم ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانغان، تارقىتىشتا ئادىل بولماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت بولمىغان. 2019- يىلى 3- ئايدا، توقسۇن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى توقسۇن ناھىيەلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پاش قىلىشقا قارىتا نامىنى ئاقلاپ ئەسلىگە كەلتۈردى.

يۇقىرىقى بەش دېلو مىسالىدا بەزىلەر نارازىلىقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يامان غەرەزدە پاش قىلغان، بەزىلەر شەخسىي مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئاساسسىز ئويدۇرۇپ چىقارغان، يەنە بەزىلەر ئەھۋالنى چۈشەنمەي سۇبيېكتىپ ھالدا خىيالەن ھۆكۈم قىلغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بۇ پاش قىلىشلار تىپىك بولغان ھۆكۈمەت قورالىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قىلمىشى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىش ئارقىلىق، بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە پاكىتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خاتا ئەرز قىلىنغان، قارا چاپلانغان بۇ بەش تىپىك دېلو مىسالىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئايدىڭلاشتۇردى، پاكلارغا پاكلىقىنى قايتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ بايرىقى روشەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان كادىرلارغا يار - يۆلەك بولىدىغان، ئىلھام بېرىدىغان قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئېنىق پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى.

«قارا چاپلانغان» كادىرلارنىڭ نامىنى ئاقلاش، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرگە يار - يۆلەك بولۇش. ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئارقىسىدىن «پىچاق سالىدىغان»، ئۇلارغا «پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان» يامان غەرەزدە قارا چاپلاشقا قارىتا، جەزمەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پاش قىلىش يىپ ئۇچلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنىڭ نامىنى ۋاقتىدا ئاقلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا قارىتىلغان تەربىيە، نازارەتچىلىك، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنىڭ، پاكلارنىڭ مۇستەھكەم يۆلەنچۈكىگە ئايلىنىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشنى، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەم پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەم بايرىقى روشەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرگە مەدەت بېرىپ ۋە يار - يۆلەك بولۇپ، يامان غەرەزدە پاش قىلغۇچىلارغا «ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ» «تەدبىر قوللىنىپ»، ئۇلارنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەقىقىي ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» يېگۈزۈپ، تۆھمەت قىلىنغان، ئۇۋال قىلىنغان، خاتا چۈشىنىپ قېلىنغان پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئىدىيەۋى يۈكىنى چۆرۈپ تاشلاپ، غەم - ئەندىشىنى تۈگىتىپ، يەڭگىل جابدۇنۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى