شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر مەممەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى، خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، لوپ ناھىيەسى بەشتوغراق يېزىسى سۆگەتبوستان كەنتىدىكى جېنشىن باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى مال باققۇچىلار قويلارغا يەم-خەشەك بەرمەكتە. لوپ ناھىيەسى جېنشىن باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2014-يىل قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر بۇ كوپىراتىپنىڭ ئۆلچەملەشكەن قوتان، يەم-خەشەك ئامبىرى، يەم-خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرى بار، قوتاندا بېقىلىۋاتقان قويدىن 4300 تۇياق بار بولۇپ، بۇ 87 نامرات ئاھالىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 1500 يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا ياردىمى زور بولدى
مۇھەررىر :
پەرغانە غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/08/21 16:53
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.