تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شاتا مەنزىرە رايونىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى ۋېنۋۇ فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 18-كۈنى، بىر تۈركۈم ساياھەتچى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شاتا مەنزىرە رايونىدا پىيادە مېڭىپ مەنزىرىدىن ھۇزۇرلاندى. 8-ئاي كىرگەندىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شاتا مەنزىرە رايونى زور بىر تۈركۈم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. شاتا مەنزىرە رايونى سەيلە قىلىش، ئېكسپېدىتسىيە، دەم ئېلىپ داۋالىنىش، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت مەنزىلگاھى، بۇ يەردە تەبىئىي مەنزىرە، مۇزلۇق، قارلىق تاغ، قارىغايلىق، دەريا - ئېقىنلاردىن ھۇزۇرلانغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، دالا ئېكسپېدىتسىيە پائالىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى جايلاردىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى