تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يازلىق تەتىللىك قايتىش يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كېلىپ، ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى تۇراقسىز بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى) ئوقۇش باشلاش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش يەنە قايتىش يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9-ئاينىڭ بېشىغىچە، ئۈرۈمچىدىن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى تۇراقسىز بولدى، بىر قىسىم لىنىيەلەرنىڭ بېلەت باھاسى ئازراق ئۆستى.

  8-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش APPسىنى سۈرۈشتۈرۈپ بايقىشىچە، ئايروپىلان بېلىتى يازلىق تەتىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە يېقىنلىشىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن باھادا چوڭ ئېتىبار بولمىغان، ئەمما بىر قىسىم تۇراقسىزلىق كۆرۈلگەن، كۆپ قىسىم ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى يەنىلا %30 چۈشۈرۈلگەن، بىر قىسىم ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ بېلەت باھاسى %70-%50 چۈشۈرۈلگەن.

  بېيجىڭنى مىسالغا ئالساق، 8-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى 1500 يۈەن ئەتراپىدا بولغان، 9-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، بېلەت باھاسى يەنە تۆۋەنلەپ، 1300 يۈەن ئەتراپىدا تۇراقلىشىدىكەن.

  شاڭخەي، گۇاڭجوۋدىمۇ شۇنداق. 8-ئاينىڭ ئاخىرى، ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى يەنىلا %30تىن كۆپ تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 2000 يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىغان، 9-ئاينىڭ باشلىرىغا بارغاندا، ئايروپىلان باھاسى 1500 يۈەن ئەتراپىدا تۇراقلىشىدىكەن؛ ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجوۋغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، 1687 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، باشقا ۋاقىتلارنىڭ بېلەت باھاسىنىڭ ھەممىسىدە %30 كۆپرەك ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

  نەنجىڭ، خاڭجوۋ، ۋۇخەن، چاڭشا، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا يازلىق تەتىللىك قايتىش يۇقىرى پەللىسىدە، ئۈرۈمچىدىن بۇ جايغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى %30تىن كۆپرەك تۆۋەنلەيدىكەن، بىر قىسىم ھاۋا لىنىيەسىنىڭ بېلەت باھاسى %70 -%50كىچە تۆۋەنلەيدىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىدىن نەنجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، 1519 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، ئەرزان باھالىق بۆلمىنىڭ %50 تۆۋەنلەيدىكەن، 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن كېيىن ئۆرلەپ، ئوتتۇرىچە باھاسى 1700 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن، ئەرزان باھالىق بۆلمىنىڭ %30 تۆۋەنلەيدىكەن، 9-ئاينىڭ بېشىدا بېلەت باھاسى 1300 يۈەن ئەتراپىدا تۇراقلىشىدىكەن.

  ئۈرۈمچىدىن خاڭجوۋغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، 1610 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، ئەرزان باھالىق بۆلمىنىڭ %45 تۆۋەنلەيدىكەن، 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن كېيىن ئۆرلەپ، 2000 يۈەندىن ئاشىدىكەن، 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن كېيىن ئايروپىلان بېلەت باھاسى سىجىل تۆۋەنلەپ، 1500 يۈەن ئەتراپىدا تۇراقلىشىدىكەن.

  ئۈرۈمچىدىن ۋۇخەنگە ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، 1644 يۈەندىن تۆۋەنلەيدىكەن، ئەرزان باھالىق بۆلمىنىڭ %50 چۈشۈرۈلىدىكەن؛ ئۈرۈمچىدىن چاڭشاغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، 1609 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، ئەرزان باھالىق بۆلمىنىڭ %50 تۆۋەنلەيدىكەن؛ ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، 1318 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، ئەرزان باھالىق بۆلۈنمىنىڭ %53 تۆۋەنلەيدىكەن؛ ئۈرۈمچىدىن چۇڭچىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، 1243 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، ئەرزان باھالىق بۆلمىنىڭ %55 تۆۋەنلەيدىكەن.

  ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار بېلەت سېتىش ئاپپاراتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە قايتىش كىچىك يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ مەزگىلدە بېلەت باھاسى بىر ئاز ئۆسىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئاۋىياتسىيە شىركىتى بازار ئېھتىياجى ۋە ئوقۇغۇچى يولۇچىلار مەنبەسىگە ئاساسەن باھا چۈشۈرىدۇ، شۇڭا ئايروپىلان بېلىتى باھاسىنىڭ تۇراقسىز بولۇشى روشەن، بۇ باسقۇچتا يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى يەنىلا يۇقىرى بولغاچقا، يولۇچىلارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن بېلەت سېتىۋېلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى