تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بەش ئامىل ۋە ئۇنى ياشارتىشتىكى ئالتە چارە

چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدىغان بەش ئامىل:

دىيابېت كېسىلى. نەنجىڭ داشۆ تېببىي شۆيۈەنى قارمىقىدىكى شيەنلىن گۇلوۋ دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گېڭ تۇڭچاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دىيابېت كېسىلى چوڭ مېڭىنىڭ قىل قان تومۇرلىرىنى قېتىشتۇرۇپ، توسۇلدۇرۇپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرىدۇ، چوڭ مېڭە ئۇزاق مۇددەت قان، ئوكسىگېن يېتىشمىگەن ھالەتكە ئۆتىدۇ، شۇڭا دىيابېت بىمارلىرىنىڭ چوڭ مېڭىسى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ چوڭ مېڭىسىغا قارىغاندا تېزراق قېرىيدۇ. يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش قاتارلىقلارمۇ چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ.

تاماكا چېكىش. گېڭ تۇڭچاۋ مۇنداق دېدى: تاماكا چەككەندە، تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن 10 سېكۇنت ئىچىدە چوڭ مېڭىگە يېتىپ بارالايدۇ ھەمدە 40 ~ 20 مىنۇتقىچە ئاكتىپ ھالەتتە تۇرىدۇ، نىكوتىن قان تومۇر دىۋارىنى بۇزۇپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ، تەپەككۇر ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر بىر قاپ تاماكا چەككەندە كىشىنىڭ 2.3 سائەتلىك ئۆمۈرى قىسقىرايدىكەن.

ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى. گېڭ تۇڭچاۋ مۇخبىرغا چوڭ مېڭىنىڭ پۈتۈن بەدەندىكى ئوكسىگېن سەرپىياتى ئەڭ چوڭ ئەزا ئىكەنلىكىنى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مىنۇتىغا 600 ~ 500 لىتىر ئوكسىگېن سەرپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇلغانغان ھاۋادا چوڭ مېڭىنىڭ خىزمىتىنى قوللايدىغان يېتەرلىك ئوكسىگېن بولمىغاندىن سىرت يەنە ئازوت ئوكسىدى، كاربون چالا ئوكسىد قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار بار، بۇ ماددىلار نەپەسلىنىش جەريانىدا چوڭ مېڭىگە كىرىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ياكى مەيۈسلۈك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى تېز سۈرئەتتە چېكىندۈرىدۇ.

ھەددىدىن زىيادە تويۇنۇش. ھەددىدىن زىيادە تويۇنغاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنى زىيادە كۆپ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا كۆپ مىقداردا قان ۋە ئېنېرگىيە توپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن، چوڭ مېڭىگە ئېنېرگىيە تەمىنلىنىشى ئازىيىپ، قان يېتىشمەسلىك ھالىتىگە ئۆتۈپ، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرى زەخمىلىنىدۇ.

تۈنەشكە ئادەتلىنىش. جاڭ جېنشىن (بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى پىروفېسسورى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تەرتىپسىز تۇرمۇش بەدەننىڭ نورمال بىيولوگىيەلىك سائىتى ۋە مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. تۈنەش چوڭ مېڭىنى روھلۇق ھالىتىدە ساقلايدۇ، ئۇزاق مۇددەت ئارام ئالماسلىق، چوڭ مېڭىنىڭ ئەسلىگە قايتالماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ، چوڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، دەم ئېلىشنىڭ تەرتىپسىز بولۇشى، دائىم كېچىدە خىزمەت قىلىش چوڭ مېڭىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدىكەن.

چوڭ مېڭىنى ياشارتىشتىكى ئالتە چارە:

بالىلارنىڭ ئوزۇقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئانا سۈتى بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

ھەر ھەپتىدە بىر كىتاب ئوقۇش. جاڭ جېنشىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۇرمۇش مەزمۇنى مول، مېڭىسىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ قېرىش سۈرئىتى ئاستا بولىدۇ، كىتاب ئوقۇش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشنىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان غىدىقلىشى نېرۋىلارنىڭ سىناپسىنى بېيىتىپ، مېڭىنىڭ قېرىش جەريانىنى كېچىكتۈرىدۇ.

ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم 30 مىنۇت چېنىقىش. گېڭ تۇڭچاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھەپتىدە ئىككى قېتىم سىرتقا چىقىپ، ھەر قېتىم 30 مىنۇت تەيجى گۇمپىسى ئويناش، تېز مېڭىش ياكى باشقا دالا ھەرىكىتى قىلىش چوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە خولېستېرىننى تىزگىنلەشكە، قان بېسىمنى تەڭشەشكە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش. گېڭ تۇڭچاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈشتە فلاۋون ياكى كاروتىن تۈرىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان، قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان يېمەكلىكلەردىن مەسىلەن: مۇۋاپىق مىقداردىكى چاي، مېۋە-چېۋە، كۆكتات، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى ئۈنۈملۈك كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

قېنىپ ئۇخلاش. نۇرغۇن كىشىلەر تۈنىگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى روھى ۋە جىسمانىي كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ ھەقتە گېڭ توڭچاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەممە ئادەم يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «يەتتە سائەت ئۇخلاش» دېگەن قاراش ھەممە كىشىگە ماس كېلىشى ناتايىن، ئادەتتە ياش-ئۆسمۈرلەر يەتتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلىشى، ھامىلىدار ئاياللار سەككىز سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى، بالىلار ھەر كۈنى 10 سائەتتىن 12 سائەتكىچە ئۇخلىشى كېرەك.

كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇش. جاڭ جېنشىن مۇنداق دېدى: خۇشال كەيپىيات بەدەندىكى ھورمۇن سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ماددا ئالمىشىش سەۋىيەسىنى يۇقىرىلىتىپ، چوڭ مېڭىگە قان، ئوكسىگېننى يېتەرلىك تەمىنلەيدۇ. 

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى