تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۇ رۇڭجى فوتوسى، خەۋىرى) يېقىندا، ئۈرۈمچى ۋوگزالى ئەتراپىدىكى ستېرېئولۇق كۆرسەتمە تاختىلارنىڭ ھەممىسى قۇراشتۇرۇپ بولۇندى، ۋوگزالغا كىرىپ-چىقىدىغان يولۇچىلار بوشلۇق، تىك تۈۋرۈك، تام شۇنداقلا يەر ئاستىدا ئورنىتىلغان كۆرسەتمە تاختىسى ئارقىلىق، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى خەلقئارا يولۇچى توشۇش ئاپتوبۇس بېكىتى، ئاممىۋى قاتناش بېكىتى، تاكسىغا چىقىش نۇقتىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى تېپىپ ئالمىشالايدۇ.
ئۈرۈمچى ۋوگزالى ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، تاشيول، تۆمۈريول، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى، تاكسى قاتارلىق كۆپ خىل قاتناش ۋاسىتىسى بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنىگە ئايلىنىپ، يولۇچىلارنى قاتناش، باشقا پويىزغا ئالمىشىش، باشقا قاتناش ۋاستىلىرىغا ئالمىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتىدا «نۆل ئارىلىقتا ئالمىشىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.
8-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ ئۇدۇل چىقىش ئېغىزىدا، بوشلۇققا LED چوڭ ئېكرانىنىڭ ئېسىلغانلىقىنى، ئۈستىدە يولۇچىلارنىڭ تاكسى، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس، كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرىدىغان يۆنىلىش بەلگىسى بارلىقىنى، چىقىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىگە «ئاممىۋى قاتناش لىنىيە خەرىتىسى»نىڭ تىك قويۇلغانلىقىنى كۆردى. مۇخبىر پەلەمپەيدىن يەر ئاستى بىرىنچى قەۋىتىگە چۈشۈپ ، زالدىكى تۈۋرۈك ۋە يەر يۈزىدە كۆرسەتمە بەلگىلىرى بارلىقىنى كۆردى.
ئىگىلىنىشچە، يولۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى «يىراقتىن يېقىنغا، ئىچىدىن سىرتىغا» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ قاتناش ۋاستىلىرى كۆرسەتمە بەلگىسى ۋە پىيادىلەر كۆرسەتمە بەلگىسىنى ئەلالاشتۇرغان.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم يول 20 نەچچە جايدىكى كۆرسەتمە بەلگىلەر ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ، قاتناش بەلگە تاختىسىدىن 40 نەچچىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ۋە ئەلالاشتۇرۇلغان. شىمالىي مەيداننىڭ يەر ئاستى بوشلۇقى ۋە ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يېڭىدىن 60 نەچچە يېتەكلەش تاختىسى كۆپەيتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئۈچ پويىز كۈتۈش زالى ۋە ئورۇندۇقلار كۆپەيتىلىپ، يولۇچىلارنى بوران-چاپقۇندىن دالدىلىنىدىغان ۋە ئارام ئالىدىغان ئورۇن بىلەن تەمىنلىگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى ۋوگزالى جەنۇبىي مەيدانىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈردى، ھازىر تاكسى يولى، يەر يۈزى مەيدانى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى، مەيداننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يوللار ئارقا-ئارقىدىن پۈتتى، ئاممىۋى قاتناش تۈگۈنى، تاكسى توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ئالاقىدار يانداش قاتناش ئەسلىھەلىرىمۇ جىددىي ياسىلىپ، جەنۇبىي مەيداننىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ.