ياخشى ھەمراھنىڭ توققۇز خىل پەزىلىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئۆزىگە ئىشىنىش. ئەگەر ھەمراھىڭىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يېتەرلىك بولمىسا، سىزدىن توختىماي تەسەللىي ئىزدەيدۇ، بۇ سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلارغا زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم ھەمراھىنىڭ تەسەللى بېرىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ ۋە يېقىنلىقنى ئىپادىلەيدۇ .
كەڭ قورساقلىق. تۇغما كەڭ قورساق ئادەم ئادەتتە ئۆزىنى مەركەز قىلمايدۇ. ئەگەر سىز كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئادەم تاپماقچى بولسىڭىز، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا باش رولچى بولۇشنى ئويلايدىغان ئادەم تاپماي، كەڭ قورساق ئادەمنى ئىزدەڭ .
كەمتەر بولۇش. ئەگەر ئەر- خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا كەمتەرلىك بولمىسا، نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالىدۇ. كەمتەر بولۇش ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرۈش بىلەن تەڭ قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈشتۇر. كەمتەرلىك كەڭ قورساقلىق بولۇشنى بىلدۈرىدۇ.
يۇمۇرىستىك بولۇش. «دۇنيادا كۈلكە ئاۋازى بىلەن يۇمۇرىستىك تۇيغۇدىنمۇ بەكرەك ئادەمنى زۇقلاندۇرىدىغان ئىش يوق» دەيدىغان گەپ بار، يۇمۇرىستىك ئادەم تاپسىڭىز، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ .
ئەپۇچان بولۇش. ئەپۇچان بولغاندا ئۆتمۈشنى تاشلاپ، تۇرمۇشنى تېخىمۇ ئازادە ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ، خۇددى تام ئىشكاپى ۋە ئۆينى تازىلىغاندەك چوڭ مېڭىنى رەتلىگىلى بولىدۇ. ئەپۇچانلىق كەمچىل بولۇش، تۇرمۇشنى بارغانسېرى قىيىنلاشتۇرۋېتىشتىن دېرەك بېرىدۇ .
سەمىمىي بولۇش. سەمىمىي پەزىلەتكە ئىگە بولۇش ئەر خوتۇنلۇق تۇرمۇشقا ئىشەنچ ئاساسىنى سالىدۇ. سەمىمىيلىك ئەر - خوتۇننى مەسىلىگە ئورتاق يۈزلەندۈرۈش بولۇپ، زىددىيەت ياكى كرىزىسنى يوشۇرۇش ئەمەس.
سادىق بولۇش. ھەر قانداق خەۋپ - خەتىرى بار مۇناسىۋەتتە، سادىق بولۇش بىر خىل گۈزەل ئەخلاق، مەسىلەن: جەڭ مەيدانىدا، سودا ھەمكارلىقىدا، يەنە توي ئىشىدا دېگەندەك ... سادىق بولۇش توينىڭ ئۇل تېشى.
مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇش. بەزىلەر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كونىلارنىڭ پەزىلىتى، بۇ دەۋرگە تەۋە ئەمەس، دەپ قارايدۇ. بۇنداق قاراش ئىنتايىن خاتا. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى پىشىپ يېتىلگەنلىكنىڭ بەلگىسى. تويدا ھامان قىيىنچىلىق ۋە توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ، مۇھەببەت ۋاقتىنچە يوقىلىدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ، بۇ قىيىنچىلىق مەزگىلىدە، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىزگە ھەمراھىمىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ، چۈنكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھېسسىيات ۋە جەلپ قىلىش كۈچىدىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولسا تۇراقسىز ھېسسىيات قورغىنىغا تاقابىل تۇرالايدۇ .
جاسارەتلىك بولۇش. بىز ھەممىمىز ئازابلىنىش، ئوڭۇشسىزلىق، تەشۋىشلىنىش قاتارلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈشىمىز مۇمكىن، بۇ چاغدا جۈرئەتسىز ئادەم ۋەھىمە تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. جاسارەت سىزنىڭ ۋەھىمىڭىزنى يوقىتىشىڭىزغا ياردەم قىلمايدۇ، لېكىن ئۇ سىزنىڭ ۋەھىمىنى يېڭىپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.