8-ئاينىڭ 18-كۈنى، خەندەن شەھىرى يوڭنيەن رايونلۇق 2-تەجرىبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شىچۈ تىياتىرى ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش بېزىكىنى ئوڭشىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى يوڭنيەن رايونىدىكى مائارىپ تارماقلىرى يەرلىك مەدەنىيەت مائارىپىنى قانات يايدۇرۇشنى يېڭىلىق يارىتىش ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق، جىسمانىي-روھىي ساغلاملىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە سۇناي، شىچۈ تىياتىرى، چامباشچىلىق قاتارلىق يەرلىك خاس ئاممىۋى پاراۋانلىق دەرسخانىلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنى ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا يازلىق تەتىلنى خۇشال ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. (موۋ يۈ فوتوسى)
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، خەندەن شەھىرى يوڭنيەن رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چامباشچىلىق مەشىق قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، خەندەن شەھىرى يوڭنيەن رايونلۇق 5-تەجرىبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇناي چېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، خەندەن شەھىرى يوڭنيەن رايونلۇق 2-تەجرىبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىچۈ تىياتىرى ھەرىكىتىنى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.