تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

قول تۇتۇشۇپ دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

شى جىنپىڭ 1- نۆۋەتلىك دۆلەت باغچىسى مۇنبىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

قول تۇتۇشۇپ دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

تەبرىك خېتى

1- نۆۋەتلىك دۆلەت باغچىسى مۇنبىرى ئېچىلىش پەيتىدە، مەن چىن كۆڭلۈمدىن مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن! مۇنبەرگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى ۋە ھەر ساھە زاتلارنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن!

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى - ئىلگىرىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويدى. ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسى جۇڭگونىڭ تۇنجى دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى سىناق نۇقتىسى. جۇڭگونىڭ دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ ئىپتىدائىيلىقى ۋە مۇكەممەللىكىنى ساقلاپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى قوغداپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قىممەتلىك تەبىئىي بايلىق قالدۇرۇش. بۇ، جۇڭگونىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئالغا سىلجىتىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر مۇھىم تەدبىرى.

جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ھەم جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا زىچ بىرلەشتۈرۈشى، ھەم چەت ئەللەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن كەڭ ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ «دۆلەت باغچىلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى قۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەتقىق ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاخىرىدا، 1- نۆۋەتلىك دۆلەت باغچىسى مۇنبىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئالدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

شى جىنپىڭ

2019- يىلى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنىڭ، 8- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى 1- نۆۋەتلىك دۆلەت باغچىسى مۇنبىرى ئېچىلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، مۇنبەرگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى ۋە ھەرساھە زاتلارنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى - ئىلگىرىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويدى. ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسى جۇڭگونىڭ تۇنجى دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى سىناق نۇقتىسى. جۇڭگونىڭ دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ ئىپتىدائىيلىقى ۋە مۇكەممەللىكىنى ساقلاپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى قوغداپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قىممەتلىك تەبىئىي بايلىق قالدۇرۇش. بۇ، جۇڭگونىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئالغا سىلجىتىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر مۇھىم تەدبىرى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ھەم جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا زىچ بىرلەشتۈرۈشى، ھەم چەت ئەللەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن كەڭ ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ «دۆلەت باغچىلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى قۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەتقىق ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

8- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 1- نۆۋەتلىك دۆلەت باغچىسى مۇنبىرى چىڭخەي شىنىڭدا ئېچىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن شياۋگۇاڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1- نۆۋەتلىك دۆلەت باغچىسى مۇنبىرىنى دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، چىڭخەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاساسىي مۇنبەر، شۆبە مۇنبەر، تەرەپلەر يىغىنى، مەيدان سىرتىدا ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى قاتارلىق ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئۆلكىلەر، ئالاقىدار تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، ئالاقىدار دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 450 كىشى مۇنبەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.