شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ساياھەتچىلەر ناخشا ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە (8-ئاينىڭ 13-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
ھازىر دەل شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىش مەزگىلى بولۇپ، قەشقەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. شىنجاڭ قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ ساياھەت قىلغان ساياھەتچى 4 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60كە يېقىن ئاشقان.
8-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانىدا، ئىككى كىچىك ساياھەتچى تۆگە مىنمەكتە.
شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر بىلەن يەرلىك ئامما مۇزىكىغا ئەگىشىپ بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىماقتا (8-ئاينىڭ 13-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).
شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا، بىر كىچىك دوست ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا (8-ئاينىڭ 12-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).
شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دۇكىنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر قول-ھۈنەر بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ساياھەتچىلەر ئارتىسلار بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.