تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

شىنجاڭ پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسى: ئامما خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان يېڭى تۇرمۇش

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسىدىكى ئاھالە خاسىيەت تەۋەككۈل دۇكىنىدا مال رەتلىمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2018-يىلى 8-ئايدا، 1149 ئائىلىلىك دېھقان-چارۋىچى كوئېنلۇن تېغى بىلەن خوشلىشىپ، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى كوسراپ يېزىسىدىن 94 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسىغا كۆچۈپ كەلدى، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر بۇنىڭغا بىر يىل بولدى. بىر قاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە، ئاھالىلەرنى پۈتۈنلەي كۆچۈرۈش يېزىسى ۋە ئېغىر نامرات يېزا بولغان تۇڭئەن يېزىسى توك بىلەن تەمىنلەش، يول، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، كەنت قىياپىتىنى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى. سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ كىرگۈزۈش، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، تۇڭئەن يېزىسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر ئىچىدە 641 ئائىلىلىك 917 كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭدا 160 مىڭ نامرات دېھقان-چارۋىچىنىڭ ئېگىزلىكنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تاغلىق رايون ۋە قۇملۇق كىندىك رايونىدىن بوستانلىق، تۈزلەڭلىككە كۆچۈپ، دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت قوشۇمچە ياردەم پۇل بەرگەن بىخەتەر تۇرالغۇغا كىرىشى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، نامراتلىق مەسىلىسى تەدرىجىي ھەل قىلىنىدىكەن. (دىڭ لېي فوتوسى)

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسى ئاھالىسى رەناگۈل (سولدا) بىر ئائىلە كىشىلىرى نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىماقتا.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسى ئاھالىسى رەناگۈل (ئوڭدىن 2-كىشى) بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدە تېلېۋىزور كۆرمەكتە.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىلىق دوختۇرخانىدا، ئاھالىلەر ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتمەكتە.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسىنىڭ ئاھالىسى مەريەمگۈل ھويلىسىنى تازىلىماقتا.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسىنىڭ ئاھالىسى ئەمەت مەتنىياز(ئوڭدا) ئىنىسى بىلەن بىللە نان ياقماقتا.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسى دېجۈرېن شېڭجىن رەختچىلىك چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار كىرلىك توقۇماقتا.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىر ئاھالە پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسىدىكى بىر يان تېلېفون مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا يان تېلېفونىنى رېمونت قىلدۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش