تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

خوتەن قۇملۇقىدىكى توغراقلىق مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

  بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتى «ساياھەتچىلەرنى خوتەنگە جەلپ قىلىش» ئىستىراتېگىيەسىنى قوللىنىپ، زور كۈچ بىلەن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قۇملۇق ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. جۈملىدىن، خوتەن شەھىرى قۇملۇقتىكى توغراقلىق ئېكولوگىيىلىك مەنزىرە رايونىدا ئاپتوموبىل توختىتىش، ھاجەتخانىدىن باشلاپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى مەركەز قىلغان ھالدا، مەنزىرە رايوننىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  مەنزىرە رايونىدىكى تەكلىماكاننى ئايلىنىدىغان ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرىغا يېڭىدىن سېلىنغان سۇ بىلەن تازىلىنىدىغان ھاجەتخانا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ھاجەتخانىنىڭ ئىچى پاكىز بولۇپ، غەيرىي پۇراق يوق. سۇ سىستېمىسى ۋە مەينەت سۇنى چىقىرىش سىستېمىسىمۇ تولۇق. يەنە قول قۇرۇتۇش ئۈسكۈنىسى، گاز ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن. تازىلىق قىلغۇچى خادىملار ھاجەتخانىنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرىدۇ.

  بۇنىڭغا ئوخشاش 200 كۋادرات مېتىرلىق ھاجەتخانىدىن مەنزىرە رايونىدا ئىككىسى، 100 كۋادرات مېتىرلىق ھاجەتخانىدىن بىرى بار. ساياھەتچىلەرنىڭ جىنسىي نىسبىتى ۋە ھاجەتخانا ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەر-ئايال ھاجەتخانا ئورنى 2:3 نىسبەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھازىر مەنزىرە رايونىدا 200 دىن ئارتۇق ھاجاتخانا بار بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدۇ.  شىنجاڭ بېيجىڭ ـ چۇڭچىڭ تيەنخۇا ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : 5-ئايدىن باشلاپ مەزكۇر شىركەت مەنزىرە رايون تىجارىتىنى كېڭەيتىدۇ، ھازىر نەچچە ئون مىڭ كۋادرات مېتىرلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ھاجەتخانا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر پۈتتى. 2019-يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش رالى مۇسابىقىسى مەزگىلىدە مەنزىرە رايونى 1000دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئۆينى كۈتۈۋالدى.

  ھازىر مەنزىرە رايونى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 300دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئۆيىنى كۈتۈۋالىدۇ،  مەنزىرە رايونى لاگېرى بۇنىڭ ئۈچۈن دالىدىكى تۈنەش ئورنىغا 50دىن ئارتۇق جۈمەكلىك مۇنچا سېلىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ دالىدا تۈنىمەكچى بولغان ساياھەتچىلەرنىڭ يۇيۇنۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.

  20دىن ئارتۇق چېدىرلىق مېھمانخانىنىڭ  ئىچى بېزىلىۋاتقان بولۇپ، ياپيېشىل دەل- دەرەخ ۋە سېرىق قۇملۇق ئىچىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان چېدىرلىق مېھمانخانا كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك رايوندا دالىدا قونۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. چېدىرلىق مېھمانخانىنى چۆرىدىگەن ھالدا يەنە قاۋاقخانا، ئاشخانا قاتارلىق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇردى. 

  بۇنىڭدىن سىرت، يەنە مەنزىرە رايونى ئەتراپتىكى يېزا-بازار ئاھالىلىرىنى مەنزىرە رايونى نەق مەيدانىغا بېرىپ خوتەننىڭ نازۇ-نېممەتلىرىنى ئېتىپ سېتىشقا يېتەكلىدى. خوتەننىڭ قېتىق تاڭزۇڭزىسى، لەڭپۇڭ، سامسا قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ تەم سەزگۈسىنى قوزغىدى. بۇنىڭدىن باشقا، مەنزىرە رايونى يەنە ئىسسىق ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش، قۇملۇق كارت ئاپتوموبىلى، قۇملۇقتا تۆگە مېنىش، مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنى خوتەننىڭ مىللىي  ئۆرپ-ئادىتى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشتۇردى.

  مۇخبىر مەنزىرە رايونى پىلانلاش كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت كۈتىۋېلىش مەركىزىنىڭ بېلەت سېتىش،  مەسلىھەت سوراش، داۋالاش ئۆيىدىن باشقا، يەنە ئاپتوماتىك سۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتى، كۆچمە زەرەتلەش، ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى كۆردى. «بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ئەمدى ئۆلچەملىك كارت ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى يولى، 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاماشا مۇنارى، 6 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى توغراقلىق پىيادىلەر يولىنى تەسىس قىلىمىز. مەنزىرە رايونىنىڭ ئۈل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ،  مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز  ئۆستۈرگەندىلا، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلغىلى بولىدۇ» دېدى جۇۋ يوڭ مەنزىرە رايونىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى