جۇڭگو ئاخبارات تورى، تيەنجىن، 8-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى (جاڭ ۋېنلۇڭ، ۋاڭ يىرۇڭ): شىنجاڭ خوتەننىڭ داڭلىق، خاس، ئەلا مەھسۇلاتلىرىنى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش-تونۇشتۇرۇش يىغىنى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تيەنجىن، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، خوتەننىڭ داڭلىق، خاس، ئەلا مەھسۇلاتلىرىدىن كاتتا «خوتەن سوۋغىسى» تەييارلاپ، تيەنجىندىكى ئىستېمالچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى كاتتا سوۋغا ئاساسلىقى خوتەننىڭ قولدا پىشۇرۇلغان نېنى، چوڭ چىلان، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم، ئەتىرگۈل قاتارلىق خاس، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، باھاسى بازاردىكى سېتىلىش باھاسىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن، كاتتا سوۋغىنى يولغا قويغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان بىر نەچچە كارخانا دۆلەتنىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىملىق سېتىۋېلىش پائالىيىتى ئارقىلىق، خوتەن يەرلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىگە ياردەم بېرىدىكەن.